مۇقەددەس روزى ئېيىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دەرت - پەرياتلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تۈركىيىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلماقتا. بۇلاردىن بىرى 14 - ئىيۇل كۈنى ئاخشام ئەنقەرەنىڭ سىنجان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈدى.
يىغىندا شىمالىي ئىراقتىكى تۈركمەنلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىم ئاڭلىتىلدى. ئۈلكە ئوجاقلىرى تەشكىلاتى سىنجان شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان يىغىننىڭ رىياسەتچىلىكىنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى پروف. در. رەجايى جوشقۇن ئەپەندى قىلدى. يىغىندا ئىراق تۈركمەنلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى مەخمۇت قاساپوغلۇ ئىراقتىكى تۈركمەنلەر دۇچار بولىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بولسا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتتى. ئۇ نۇتقىدا مۇقەددەس رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي دىنىي ئىبادىتىنىمۇ قىلالمايۋاتقانلىقىنى، تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ نامىزىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يىغىن ئاخىرىدا بۇ يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان سىنجان ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى ئەيسا ئالپەر دوغۇ ئەپەندىگە مىكروپونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ بۇ پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
مەن ئالدى بىلەن رامازان ئېيىنىڭ تۈرك ئىسلام دۇنياسىغا خەيىرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. يىغىنىمىزنىڭ ئىسمى «شەرقىي تۈركىستان بىلەن كەركۈكنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچەكى» ئىدى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا 500 ئەتراپىدا يىغىن ئەھلىگە ئىپتار زىياپىتى بەردۇق، زىياپەت جەريانىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۆھبەتلەر بولدى. مەقسىتىمىز شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىگە ئورتاق بولۇش، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىش ئىدى، ئەمەلگە ئاشتى.
ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرى بىر كۈن ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
مەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، مۇسۇلمان دۇنياسىدا زۇلۇم بار. ئەمما پەلەستىن، مىسىر، دەمەشىقتەكى مۇسۇلمانلار روزى تۇتالايدۇ. ئۆز تىلىنى ئىشلىتەلەيدۇ. ئەپسۇسكى بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز، نورمال دىنىي ئىبادىتىنى قىلالمايۋاتىدۇ. خىتاي خاتا سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولغاچقا ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇنداق ئېقىلغا سىغمايدىغان بېسىم سىياسىتىنى ئېلىپ بارماقتا. ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىختا نەچچە قېتىم مۇستەقىللىقىنى يوقىتىپ قويۇپ، قايتا قولغا كەلتۈرگەن.