ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى ئېشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، تۈركىيەنىڭ ھەر ساھە خەلق ئاممىسى ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى كۈچەيتمەكتە.
تۈركىيەدە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ھەر ساھە خەلق ئاممىسى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە ھېسداشلىق قىلىدۇ.
تۈركىيەدە ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەر، كادىرلار ئۇيۇشمىلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بولۇپ ھەر ساھە خەلق ئاممىسى ئۇيغۇرلارنى قان ۋە دىن قېرىنداشلىرىمىز دەپ قارايدۇ ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا ھۆكۈمەتنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىدۇ.
تۈركىيەدە ھەر ساھە ئاممىۋى تەشكىلاتلار يىغىن، مۇراسىم، نامايىش ۋە كۆرگەزمە پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. مىسىر ۋە سۈرىيە توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ۋە يىغىنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ ئۆتىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا تۈركىيەدە، يازغۇچىلار، سىياسەتچىلەر، ئاكادېمىكلەر، تارىخچىلار، دىنى ئالىملار، سودا-تىجارەت كارخانىچىلار، سەنئەتچىلەر ۋە ھەر ساھە خەلق ئاممىسى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يېقىندا ئېلان قىلىنىۋاتقان بايانات ۋە ماقالىلارغا قارايدىغان بولساق، ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان پىكىر-قاراشلاردا، بەزى ساھەلەر خىتاينىڭ تىجارەت مۇناسىۋىتىگە بايقۇت قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى توختىتىشقا مەجبۇرلاشنى ئوتتۇرىغا قويسا، بەزى ساھەلەر، ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە يۆتكەش ئارقىلىق زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بەزى ساھەلەر بولسا ئۇيغۇر دىيارىغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بەزى ساھەلەر بولسا مىسىر ۋە سۈرىيەگە ياردەم قىلغاندەك ئۇيغۇرلارغىمۇ ياردەم قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا كېرەكلىك ياردەم قىلمىدى دەپ تەنقىد قىلماقتا.
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار
تۈركىيە ئاخباراتلىرى 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ھەر كۈنى ئۇيغۇرلار ۋە ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى توغرىسىدا باش تېمىدا ئۇچۇر ۋە ماقالە تارقاتتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشىغا تۈرتكە بولدى ۋە بۇ مەسىلىسىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرگەن ئىدى.
بۇ يىل 26-ئىيۇن كۈنى مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە ئاخباراتلىرى يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلەپ ئۇچۇر تارقىتىشقا باشلىدى. گېزىتلەردە ھازىرمۇ ھەر كۈنى بولمىسىمۇ ھەر ھەپتىدە بىرەر خەۋەر ياكى ماقالە ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، خۇسۇسەن تۈركىيەنىڭ «يېڭى شافاك»، «ھۆررىيەت»، «بۈگۈن»، «خەۋەر تۈرك»، «يېڭى ئاكت»، «مىللەت»، «يېڭىچاغ» قاتارلىق گېزىتلەر كۆپلەپ ئۇچۇرلار تارقاتماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىنتېرنېت دۇنياسىدا كۈندىلىك زىيارەتچىلىرى 50 مىڭدىن ئاشىدىغان «دۇنيا بۇلتەنى»، «خەۋەر7،» «تايىم تۈرك»،«ئىنتېرېنت خەۋەر»، «خەۋەرلەر» قاتارلىق تور گېزىتلىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلەپ ماقالە ۋە خەۋەر تارقىتىپ كەلمەكتە. بۇ تور گېزىتلەردە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا كۈندىلىك تارقىتىلىۋاتقان يېڭى ئۇچۇرلار بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىۋاتىدۇ. بۇ تور گېزىتلەرنىڭ سەھىپىلىرىنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىگە دوغۇ تۈركىستان دەپ يېزىپ ئىزدەش كۇنۇپكىسىنى باسقاندا يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تارقاتقان پۈتۈن ئۇچۇرلار كۆز ئالدىغا چىقىدۇ.
تۈرك تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن تۈركىيەنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيىسى «ت ر ت تۈرك»،«ت ر ت خەۋەر»، «ت ر ت ئاۋازى» قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى، «ئا تىۋى»، «ن تىۋى»، «ھىلال تىۋى»، «قۇدۇس تى ۋى»، «تى ۋى5»، «ئا9» قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما تارقىتىپ كەلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «فېسبوك»، «تۋېتتىر» قاتارلىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىدە «شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتى»، «شەرقىي تۈركىستان قان يىغلاۋاتىدۇ خەۋىرىڭ بارمۇ»، «شەرقىي تۈركىستانغا دەستەك»، «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى»، «شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» دېگەنگە ئوخشاش ناملاردا گۇرۇپپا قۇرۇلغان بولۇپ بۇ گۇرۇپپىلاردا 20 مىڭدىن 30 مىڭ ئەتراپىدا ئەزالىرى بولغان چوڭ سەھىپىلەر ئېچىلغان. بۇ گۇرۇپپىلار ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە رەسىملەرنى بىر-بىرىگە يوللاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.
تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدىكى مەسچىتلەردە ئىماملار ئۇيغۇرلارغا دۇئا قىلىدۇ، ۋەز-نەسىھەت قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىدۇ. تۈرك دىنى ئالىم ئۆمەر دۆڭگەل ئوغلى، جۇببەلى ئەخمەت خوجا قاتارلىق دىنى ئالىملار ھەر قېتىملىق دۇئالىرىدا ئۇيغۇرلارغا دۇئا قىلىدۇ.
يېقىندا ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى ئىسمائىل ئاغا مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۇببەلى ئەخمەت خوجا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختالدى ۋە «شەرقىي تۈركىستان داۋاسى، دىنىمىز ۋە ئىمانىمىزدۇر»، دېدى.
ئەخمەت خوجا، ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشنى قاتتىق ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئەمما بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن بۇ ئارزۇسىنى تېخىچە ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە «شەرقىي تۈركىستان تۈرك مىللىتىنىڭ ۋە ئىسلامنىڭ بايراقدارى بولغان» دېدى.
ئەخمەت خوجا جۈمە نامىزى قۇتبىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقى ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ.
جۇببەلى ئەخمەت خوجا بىر قېتىملىق جۈمە خۇتبەسىدە مۇنداق دېدى: مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ زۇلۇمغا ئۇچرىغان يەر شەرقىي تۈركىستاندۇر. خىتاي كاپىرلار مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتكە بېرىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ، ئىسلامى ئىسىم قويۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ، ئىسلامىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشىغا يول قويمايدۇ. پۇرسەت تاپسىلا سۈرگۈن قىلىپ، ئۆلتۈرىدۇ. ئەمما ھېچ كىم خىتايغا قارشى ئاۋازنى چىقارمايدۇ. خىتايغا قارشى نېمە ئۈچۈن سۆز قىلىنمايدۇ، ئۇلار تىجارەت مىقدارى كۆپ دەپمۇ سۈكۈتتە تۇرىمىزمۇ؟ مۇسۇلمانلار پەقەت مىسىر ۋە سۈرىيەدىلا ئەمەس شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارمۇ خىتاينىڭ ئەڭ ئېغىر زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتىدۇ.
جۇببەلى ئەخمەت خوجا تۈركىيەدە ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن فىلاش ت ۋ قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئىسلام دىنى توغرىسىدىكى سۆھبەت پروگراممىلارغا قاتنىشىدۇ، ئۇ، ئىسلام دىنى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئۆتكۈر پىكىرلىرى، پاكىتلىق سۆزلىرى، مەنتىقلىق جاۋابلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان مەشھۇر دىنى ئالىمدۇر.
تۈرك سەنئەتچىلىرىدىن پولات ئالەمدار رولىنى ئالغان نىجاتى شاشماز، ئەخمەت شافاك، ئەخمەت يېڭىلمەز قاتارلىق كۆپ ساندا سەنئەتچىلەرمۇ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك پولات ئالەمدار ئۆتكەن قېتىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەپ ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
تۈرك سەنئەتچى ئەخمەت يېڭىزلمەز شەرقىي تۈركىستان كېچىسى نامدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
-چەتئەللەردە ياشاۋاتقان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەر بىرى بىر كۈرەشچىدۇر. ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان يۇرت ۋە دۆلەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىمانى، ئەخلاقىي ۋە ئەمەلىي جەھەتتىن مۇكەممەل بولۇش شەرت ئەمەس، قايسى ساھەدىكى كىشى بولسا شۇ ساھەدىكىلەرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش كېرەك. ئۆزىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، قەيەرگە كەتكەنلىكىنى، نېمە ۋەقە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىدىغان بىر ئاۋاز بولۇشى كېرەك. لېكىن بۇ پەقەت ئۇلارنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىنى ئايلىنىپ يۈرۈۋاتقان ئەخمەت يېڭىلمەزنىڭ ۋە پۈتۈن تۈركىيەنىڭ مەسىلىسىدۇر.
تۈركىيەدە كادىرلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ
تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە شۆبىلىرى بولغان مۇنتىزىم بىر تەشكىلات بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ چورۇم شۆبە رەئىسى مەھمۇت ئالپئارسلان ئەپەندى يېقىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك، دېدى.
باياناتتا مەھمۇت ئالپئارسلان ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشنىڭ بىر ئىنسانىيەت جىنايىتى بولغانغا ئوخشاش، ئىمانى ۋە ئەخلاقى بىر ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەھمۇت ئالپئارسلان ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنى ۋە مىللىي بېسىملارنى، ناھەقچىلىكلەرنى بىر قۇر تىلغا ئالغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: دىنى ئېتىقادى بويىچە ياشاشنى خالىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئىسكەنجىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تۈرك مىللىتىنى بۇ مەسىلىلەردىن خەۋەردار قىلىپ خىتايغا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بېسىم ۋە بايقۇت قىلىشتۇر. بىز تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر ساھە قاتلاملارغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىمىز.
ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئىستانبۇلدا ئىقامەت بولمىسىمۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ
تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 7000 كىشىنى نوپۇسقا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تۈركىيەدە تۇرۇشنى خالىغان ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت كىنىشكىسى بەردى. بۇ يىلمۇ 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇرۇن تۈركىيەگە كىرگەن پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئىقامەت رۇخسەت بەلگىسى ئالدى.
ئىستانبۇل ۋىلايىتىدىكى ئىقامەتسىز ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بارلىق تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىقامىتى چىقىپ بولغۇچە مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋە 74213047/235/2457676 نومۇرلۇق مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئىقامىتى بولمىغان، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي قېرىنداش مىللەتلەر ھەر قايسى مەكتەپلەرگە پەرزەنتلىرىنى تىزىملىتالايدۇ، دېيىلگەن ۋە بۇ بۇيرۇق ئىستانبۇلدىكى پۈتۈن مەكتەپلەرگە چۈشۈرۈلگەن.
يېقىندىن بۇيان تۈركىيەگە يېڭىدىن كېلىپ ئىقامەت (تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق رۇخسەت) كىنىشكىسى ئېلىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار بولۇپ، بۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھازىر ئىقامەت بولمىسىمۇ مەكتەپتە بىمالال ئوقۇيالايدىغان شارائىت ھازىرلاندى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوقۇش يېشىغا توشقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئىقامەت بولمىسا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنمايتتى.