د ئۇ ق رەھبەرلىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00

دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە مۇساپىرلار كومىتېتى مۇدىرى خەيرۇللاھ ئەفەندى قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت 4 - ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

ئۇلار ئالدى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى نەجدەت ئۆزدەمىر، تۈركىيە پارلامېنتى مالىيە ۋە پىلان كومىتېتى مۇدىرى لۈتفى ئەلۋان ئەپەندى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئەھمەت خالۇق كۈمۈش ئەپەندى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى رەشات دوغرۇ قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، قانداق قىلىپ ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى شۇنداقلا ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى. پارلامېنت ئەزالىرى د ئۇ ق ھەيئىتىدىكىلەرنى ئىشخانىسىدا قىزغىن كۈتىۋېلىپ، ئۇلاردىن تۈركىيەدىن نېمەلەرنى كۈتىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ سوئاللارنى سورىدى.