تۈرك مەتبۇئاتى ۋە سىياسىي سەھنىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى
2014.11.28
يېقىندىن بۇيان تۈرك مەتبۇئاتى ۋە تۈرك سىياسىي سەھنىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى جىددىي رەۋىشتە تىلغان ئېلىنىشقا باشلىدى.
27 - نويابىر تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تايلاندتا قاپسىلىپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ كېلىشىنى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن تەلەپ قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
28 - نويابىردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە يېقىندا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان خىتاي ۋەكىللىرىدىن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېچىلىۋاتقان سوتلارنىڭ ئادىل بولۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيە ئاخباراتى ۋە سىياسىي سەھنىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆرۈلۈۋاتقان بۇ جىددىي ئۆزگىرىشلەر خىتاي مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇنىڭ تۈركىيىگە قاراتقان مەخپىي زىيارىتى ئاخىرلاشقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
ئەجەبا مىڭ جيەنجۇنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئاخبارات ۋە سىياسەت سەھنىسىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئۆزگىرىشلەر بىر - بىرىگە باغلىنىشلىقمۇ؟
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئەنقەرە پارلامېنت ئەزاسى ئۆزجان يەنىچەرىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار مەسىلىگە مۇداخىلە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى» غا دائىر يازما سوئالىغا جاۋاب قايتۇردى. چاۋۇشئوغلۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، «مىنىستىرلىقىمىز ئۇيغۇر ئىرقداشلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن، شۇنداقلا ئىنتايىن سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلى سۆزىدە، 28 - ئىيۇن يەكەن ۋەقەسى، ۋەقەدىن كېيىن قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 50 نەچچە كىشىنى مەزكۇر ۋەقەگە چېتىپ سوتقا تارتقانلىقى، بۇلاردىن نەچچە ئون كىشىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ، يەنە نەچچە ئون ئۇيغۇرنى مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى قاتارلىقلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكى بىلدۈردى.
مىنىستىر چاۋۇشئوغلى باياناتىدا، ئىيۇل ئېيىدا قەشقەردە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردىن كېيىن ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلار «سوت جەريانىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشىغا دائىر تەلىپىمىزنى 2014 - يىلى 21 - ئۆكتەبىردە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېڭ گوپىڭغا يەتكۈزۈلدى. مۇئاۋىن مىنىستىر چېڭ گوپىڭ جاۋابەن سەزگۈرلۈكىمىزنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، ئوچۇق - ئاشكارا سوتلاش توغرىسىدىكى تەلىپىمىزنى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە مەزكۇر ھۆكۈمگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنۇش يولىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى» دېدى.
چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ تۇتۇلۇپ قالغان 300 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى، بۇ مەسىلە توغرىسىدا تايلاند دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە قانۇنىي باسقۇچ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش تەلىپىنى تايلاند تەرەپكە يەتكۈزگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
2014 - يىلى 27 - نويابىر چارشەنبە كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى دىياربەكىردىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى جۈمە ئىچتەن ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئۆلۈم ھادىسىلىرىنى تەنقىد قىلدى ۋە بىر كۈرت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇرلارنى بىز ئەڭ ياخشى چۈشىنىمىز، دېدى.
تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغان پارلامېنت ئەزاسى جۈمە ئىچتەن ئەپەندى سۆزىنى ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق جايلاردا زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرگە سالام يوللاپ مۇنداق دېدى: ئىنسانىي قەدىر - قىممەت 1949 - يىلىدىن بۇيان دەسسەپ - چەيلىنىۋاتقان يەرلەردىن بىرى شەرقىي تۈركىستانغا سالام يوللايمەن، دېدى.
پارلامېنت ئەزاسى جۈمە ئىچتەن ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە ئۆلۈم ھادىسىلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندا 1949 - يىلىدىن بۇيان ساناقسىز ئادەم خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قەتلى قىلىندى، ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. ھەر كۈنى زۇلۇم - ئىسكەنجە، سۈرگۈن، سۇيىقەست ۋە ئۆلۈم جازالىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا 260 ئۇيغۇر تۈركى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ قورال بىلەن ئېتىپ شېھىت قىلىندى. تايلاندتا 300 كىشى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇلار قايتۇرۇلسا ئوققا تۇتۇلىدۇ. شەرقىي تۈركىستانغا قارىغان ھامان كۈرتلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئەھۋالى كۆزۈمگە كۆرۈنىدۇ، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەھۋاللىرى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشتىن ئىلگىرىكى كۈرتلەرنىڭ ئەھۋاللىرىغا ئوخشايدۇ، بىر كۈرت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇرلارنى بىز ئەڭ ياخشى چۈشىنىمىز.
2014 - يىلى 18 - نويابىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى مىڭ جيەنجۇ باشچىلىقىدىكى 10 كىشىلىك بىر ئۆمەك تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى قاتارلىق مۇھىم ئورگانلارنىڭ رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشقان ۋە سۆھبەتلەشكەن ئىدى، بۇ ئۇچرىشىشلار مەتبۇئاتلارغا يېپىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ھېچ قانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن ئىدى.
بىراق بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن تۈركىيەدىكى رادىئو - تېلېۋىزىيەلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس پروگراممىلار تارقىتىلماقتا، مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپلەپ ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا، تۈركىيە پارلامېنتى، ھۆكۈمەت ۋە ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا باياناتلار ئېلان قىلىۋاتىدۇ.
تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە پارلامېنتى، ھۆكۈمەت ۋە سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ شۇنداقلا مەتبۇئاتلارنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىل نېمە؟ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى مىڭ جيەنجۇ باشچىلىقىدىكى 10 كىشىلىك بىر ئۆمەكنىڭ تۈركىيىنى زىيارەت قىلىشىدىن كېيىنلا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاندتىكى كۆچمەن ئۇيغۇرلارنى تەلەپ قىلىشى بىر تاسادىپىيلىقمۇ ياكى ئىستراتېگىيىمۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.