«300ئۇيغۇر تۈركى تۈركىيىگە كەلتۈرۈلسۇن!» نامىدىكى ئىمزا توپلاش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا

0:00 / 0:00


تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 300 ئۇيغۇرنى تۈركىيىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلىتىلغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە رايونلىرىدا داۋام قىلىۋاتىدۇ.

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى تۈركىيىنىڭ 81 شەھىرى ۋە ھەر قايسى رايونلىرىدا يېقىندىن بۇيان خىتاي زۇلۇمىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ھەر خىل يىغىن، مۇراسىم ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى، تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شۆبىلىرىنى 300 ئۇيغۇر تۈرك تۈركىيىگە كەلسۇن دېگەن شۇئار ئاستىدا ئىمزا توپلاشقا چاقىرغان بولۇپ ۋە بۇ ھەقتە ئۈلكۇ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي تور سەھىپىسىدە بىر بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. باياناتتا ئۇلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ، دۇنيانىڭ قەيىرىدە بىر تۈرك بولسا ئۇنىڭ دەردى دەردىمىز، قايغۇلىرى قايغۇلىرىمىز دېگەن ئاساسىي پرىنسىپى بويىچە باشلىتىلغان، 300 ئۇيغۇر تۈركى تۈركىيىگە كەلسۇن! دېگەن نامدا باشلىتىلغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىنەگۈل شەھرىدىكى ئىمزا توپلاش پائالىيىتى
ئىنەگۈل شەھرىدىكى ئىمزا توپلاش پائالىيىتى


باياناتتا ئولكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى: «ئۇيغۇر تۈركلىرىگە بولغان قوللاشنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە تەشكىلاتىمىز تەرىپىدىن بىر ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلىتىلدى. بۇ ئىمزا توپلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا - بازار ۋە رايونلاردىكى پۈتۈن شۆبىلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى تەشكىلاتلار ۋەزىپىلەندۈرۈلدى. 300 ئۇيغۇر تۈركى تۈركىيەگە كەلسۇن دېگەن نامدا تەشكىلاتىمىز تەرىپىدىن توپلانغان پۈتۈن ئىمزالار مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا ئەۋەتىلىدۇ. زۇلۇم ۋە بېسىم سەۋەبىدىن يۇرتلىرىنى تاشلاپ تايلاندقا كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى توغرا دەپ قارايدىغان پۈتۈن ۋىجدان ئىگىلىرىنى بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشكە چاقىرىق قىلىمىز. ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ھەر زاماندىكىگە ئوخشاش پۈتۈن مەزلۇملارنىڭ ۋە پۈتۈن دۇنيا تۈركلىرىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمىز».

تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى چورۇم شۆبىسى ياشلار بۆلۈمىنىڭ رەئىسى ياۋۇز ئۈنلۈ ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاددىي بىر سىياسىي مەسىلە ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئىگە چىقىشى كېرەك بولغان بىر مەسىلىدۇر، دېدى.

ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۈركىيىنىڭ 81 شەھەر ۋە رايونلىرىدا، 00 3ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز تۈركىيىگە كەلتۈرۈلسۇن دېگەن شۇئار ئاستىدا باشلىتىلىغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتى سىياسىي پارتىيىلەر، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشمەكتە.

ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئاماسىيا شۆبىسى تەرىپىدىن، تايلاندتىكى 300 مۇھاجىرنى تۈركىيىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلاندى. ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى ئاماسىيا خەلقى قوللاپ - دەستەك بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ بالىكىسىر - باندىرما شۆبە رەئىسى باھادىر گەنچ ئەپەندى، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك بىر ۋاقىتتىن بۇيان خىتاي ئىشغال ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتا زۇلۇم سېستىمىلىق بىر شەكىلدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. رايوندىكى قېرىنداشلىرىمىز قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا. تۈرك مىللىتىنىڭ ئىزلىرىنى، يادىكارلىقلىرىنى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىن يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى مەتبۇئات ۋە ئىنتېرنىتقا چەكلىمە قويۇپ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنى دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇرۇپ كەلمەكتە، دېدى.

باھادىر گەنچ ئەپەندى سۆزىدە يەنە تايلاندتىكى 300 مۇھاجىرنى تۈركىيىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلاتقان ئىمزا توپلاش پائالىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، 300 ئۇيغۇر تۈركى تۈركىيىگە كەلسۇن، دېگەن نام ئاستىدا توپلانغان ئىمزالارنى مۇناسىۋەتلىك تەشكلات، ئورگان ۋە رەھبەرلەرگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

باھادىر گەنچ ئەپەندى تۈركىيە خەلقىنى بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى قوللاشقا چاقرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈرك مىللىتىنىڭ ئۇ قېرىنداشلارغا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى، تۈرك مىللىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى چىڭ تۇرۇش مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىدۇ. زۇلۇم ۋە قىيىن - قىستاق سەۋەبىدىن يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىپ تايلاندتا پاناھلانغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتايغا تاپشۇرۇلۇپ ئۆلتۈرۈلۇشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى توغرا دەپ قارايدىغان پۈتۈن ۋىجدان ئىگىلىرىنىڭ بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىمىزنى قوللاشقا چاقىرىق قىلىمىز.

ئۇشاك شەھرىدىكى ئىمزا توپلاش پائالىيىتى
ئۇشاك شەھرىدىكى ئىمزا توپلاش پائالىيىتى


ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن، خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان 300 ئۇيغۇر تۈركلىرىگە پاناھلىنىش ھوقۇقى بېرىش مەقسىتىدە باشلىتىلغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى چورۇم شەھىرى تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ياشلار بۆلۈمى قوللاپ - قۇۋۋەتلىدى.

2014 - يىلى 23 - دىكابېر سەيشەنبە كۈنى چورۇم شەھىرى ھۆرىيەت مەيدانىدا، 300 ئۇيغۇر تۈركىي تۈركىيىگە كەلسۇن! دېگەن شۇئار ئاستىدا ئېچىلغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە خەلق ئاممىسى قىزغىن ئىشىتىراك قىلدى. بۇ پائالىيەتنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋە تۈرك ئوجاقلىرى ياشلار تەشكىلاتىمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.

ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى قوللاپ مەيدانىغا كەلگەن تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ياشلار بۆلۈمى رەئىسى ياۋۇز ئۈنلۈ ئەپەندى خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ تايلاندتا تۇتۇلغان 300 ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق داۋاسىدا يالغۇز ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىگەن ياۋۇز ئۈنلۈ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاددىي بىر سىياسىي مەسىلە ئەمەس، بۈ دۆلەتتە ھەتتا پۈتۈن دۇنيادا ياشىغان ۋە ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ بىلىدىغان، تۈرك مىللىتى دەپ تونۇلغان پۈتۈن كىشىلىك ھوقۇق قوغدۇغۇچىلىرىنىڭ، ۋە ھەتتا ئەركىنلىك شۇئارچىلىرىنىڭ مىللەت ئايرىماستىن ھەر كىمنىڭ ئىگە چىقىشى كېرەك بولغان مەسىلىدۇر. ئەمما خۇسۇسەن مەن مۇسۇلمان، مەن تۈرك، مەن ئوسمانلىي دېگەن رەھبەرلەرنىڭ ئىگە چىقىشى كېرەك بولغان بىر مەسىلىدۇر.»

ئىستىقلال مارشىنى يازغان شائىر مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ بىر شېئىرى بىلەن سۆزىنى باشلىغان ياۋۇز ئۈنلۈ ئەپەندى سۆزىدە ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىپ بۇ مۇھىم ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلاتقانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ياۋۇز ئۈنلۈ سۆزىدە بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇ تىزىملىككە تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئىمزاسىنى قويۇش بىلەن پەخىرلىنىمىز، كىم زۇلۇم ۋە زالىمغا قارشى مەزلۇمنىڭ يېنىدا بولسا، بىز تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلار بىلەن بىرگە بولىمىز. زۇلۇم ۋە قىيىن - قىستاقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆز ئانا ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان 300 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر تۈركلىرىگە تۈركىيە قوينىنى ئېچىش كېرەك. ئىسلام دىنى ئىتىقادىي بىلەن ئەركىن ياشاشنى ئارزۇ قىلغان بۇ قېرىنداشلىرىمىز پەقەت تۈركىيىدە خاتىرجەم ياشايدۇ. بۇ توغرىدا ھۆكۈمەتنى ۋەزىپىگە چاقىرىق قىلىمىز. ئاراقان، سۈرىيە، ئىراق ۋەپەلەستىن ئۈچۈن ئاققان كۆز ياشلار شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ ئېقىشى لازىم.