ئەنقەرەدىكى 50 مىڭ كىشى قاتناشقان يىغىلىشتا ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك شۇئارى ياڭرىدى

0:00 / 0:00

24 - ئاۋغۇست كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى سىھھىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەزلۇملار ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ۋە تىرىلىش» يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلىگەنلەر ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تىلەش بىلەن بىرلىكتە، شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلارنىڭ خەلقئارا سوتتا سوتلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

50 مىڭ كىشى قاتناشقان بۇ يىغىلىشتا تۈركىيە كادىرلار ئويۇشمىسى رەئىسى ئەھمەت گۈندوغدۇ، ھەق ئىش ئويۇشمىسى رەئىسى ئەھمەت ئارسلان، تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىشىش تەشكىلاتى رەئىسى سابىق پارلامېنت ئەزاسى فارۇق ئۈنسال ئەپەندى ۋە ئاناتولىيە ياشلار تەشكىلاتى رەئىسى سالىھ تۇرغاي قاتارلىق كىشىلەر نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇلار نۇتقىدا بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى سۈرىيە، مىسىر، شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىندىكى بىگۈناھ ئىنسانلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئەيىبلاش ۋە ئۇلارغا ئەركىنلىك تىلەش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

بۇ يىغىلىشقا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، سۈرىيە ۋە مىسىردىن قېچىپ كەلگەن مۇساپىرلاردىن بولۇپ 50 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. ئۇيغۇرلارمۇ قولىدا ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتەرگەن ھالدا يىغىلىشتا ئورۇن ئالدى. تۈرك تېلېۋىزىيەلىرىدىن باشقا 10 نەچچە ئەرەب تېلېۋىزىيەسى بۇ يىغىلىشنى نەق مەيداندىن تارقاتتى.

تۆۋەندە نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.