پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار «11 ئاينىڭ سۇلتانى» دەپ ئاتالغان مۇقەددەس رامىزان ئېيىنى ئىبادەت ۋە ساخاۋەت بىلەن تاماملاپ، روزى ھېيتىنى شاد - خۇراملىق ئىچىدە كۈتۈۋالغان بولسىمۇ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ماتەم ئىچىدە كۈتۈۋالدى.
دەل روزا ھېيت قۇتلۇقلىنىۋاتقان پەيتلەردە قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
بۇ ھەقتە توختالغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە باشلىقلىرى تېلېۋىزىيە، گېزىت ۋە رادىئولار ئارقىلىق بايانات بېرىپ، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ روزى ھېيتىنى تەبرىكلىمەكتە.
ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 3 كۈن تەتىل قويۇۋېتىلگەن تۈركىيەنىڭ چوڭ - كىچىك شەھەر ۋە يېزىلىرى ھېيت خۇشاللىقىغا چۆمدى.
ھالبۇكى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ روزى ھېيتنى ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرى بويىچە ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئىككى كۈندىن بېرى يەكەندە ئارقا - ئارقىدىن قانلىق توقۇنۇشلار يۈز بەرگەنلىكى ۋە ۋەقەدە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە غەيرىي رەسمىي ئۇچۇرلار تارقالغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزى ھېيتى ماتەمگە ئايلاندى.
قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيەدىكى چوڭ - كىچىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ خەۋەرگە كەڭ كۆلەمدە ئورۇن بەردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇراقلاشقان قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىنى شاد - خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئىككىنچى كۈنى يەكەندە بولغان ۋەقەدىن كېيىن پۈتۈن مەھەللىنىڭ مۇسىبەتكە چۆمگەنلىكىنى ئېيتتى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان بايرىمىنىمۇ ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلماي قان تۆككەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
0:00 / 0:00