تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى مۇساپىر ئۇيغۇرلاردىن ھال سوراپ پۇل ياردەم قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.02.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
turkiye-uyghur-meschit-musapir-ziyaret.jpg ئۇيغۇر ئولتۇراقلاشقان قوروجايدىكى مەسچىتكە زىيارەت
RFA/Erkin Tarim

7 - فېۋرال كۈنى تۈركىيەنىڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بولغان كونيادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان«ئىرفان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق دوستلۇق جەمئىيىتى» بىلەن قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «چەدۇت جەمئىيىتى» باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئاتىغان ئىقتىسادىي ياردىمىنى تاپشۇرۇپ بەردى. 40 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت، مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار تۇرىۋاتقان قوروجايغا كېلىپ زېمىستان قىشتا مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا ماددىي ياردەملەرنى بېرىپ ئۇلارنى قاتتىق سۆيۈندۈردى. ئۇلار مۇساپىر ئۇيغۇرلار بىلەن بىر داسقاندا بىللە تاماق يەپ، بىرلىكتە ناماز قىلىپ، ئۇلاردىن نېمە قېيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى سورىدى.

40 كىشىلىك ھەيئەت تەشكىللەپ كېلىپ ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سوراپ، ئۇلارغا ماددى ياردەملەرنى بەرگەن ئىرفان مائارىپ ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق جەمئىيىتى رەئىسى مەمەت كاكلىك ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى بىلەتتۇق، ئۇلارنىڭ قېيىنچىلىقى نېمە، ئۇلارنى نەق مەيداندا كۆرەيلى، ئۇلارغا زىياپەت بېرەيلى دەپ يەكشەنبە كۈنى سائەت 11 ئەتراپىدا بېرىپ، مەسچىتتە بىر يىغىن ئاچتۇق. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تونۇشتۇق. تاماقتىن كېيىن يەنە يىغىن ئېچىپ ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان قېيىنچىلىقلارنى خاتىرىلەپ چىقتۇق.»

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى
ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى

مەمەت كاكلىك ئەپەندى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق قەيسەرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئۈچۈن كونيادا يىغقان پۇلنى ئۇلارغا تەقدىم قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «بىز ئاپارغان ئىقتىسادىي ياردەمنى سېيىت ئەپەندىگە بەردۇق. ناھايىتى ياخشى بىر زىيارەت بولدى. بىز بۇ زىيارەت ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇغان بولدۇق. شۇنچە قېيىنچىلىق ئاستىدا ياشاپ تۇرۇغلۇق قۇرئان كۇرسىغا زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكلىرى بىزنى بەكلا سۆيۈندۈردى. كونيادىن 15 كىشى بارغان ئىدۇق، قەيسەرىدىكى شۆبىمىزنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ 40 ئەتراپىدا كىشى يېرىم كۈن مۇساپىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن مەنىلىك يېرىم كۈن ئۆتكۈزدۇق.»

مەمەت كاكلىك ئەپەندى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ قېيىنچىلىقلىرىنى جايىدا كۆرۈپ يېزىۋالغانلىقىنى، بۇ جۈمە كۈنى يىغىن چاقىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بايان بىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمىز، بۇ ھەقتە جۈمە كۈنى يىغىن ئاچىمىز. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ راستىنلا ياردەمگە ئېھتىياجى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايى بار ئىكەن، ئەمما ئامباردا يەيدىغان نەرسىلىرى تۈگەپتۇ. ئۇلارمۇ بۇنى دېدى. بىز كونيادا ياردەم يىغىپ ئاپتوموبىل بىلەن ئەۋەتىشنى ئويلاۋاتىمىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەڭ زور قېيىنچىلىقى سالامەتلىك سۇغۇرتىسىنىڭ يوقلۇقى بىلەن تۈركىيەدە ئىشلەش رۇخسىتىنىڭ يوقلۇقىدىن ئىبارەت. بىزنىڭ باش مىنىستىرىمىز كونيالىق بولغاچقا، ئۇنىڭغا بۇ مەسىلىنى قانداق يەتكۈزىمىز. بىز بۇ ھەقتە باش قاتۇرىمىز. چۈنكى بىزچە ئۇيغۇر مۇساپىرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئەڭ زور قېيىنچىلىق تۈركىيەدە ئىشلەش رۇخسىتىنىڭ يوقلۇقى ئىكەن. ئۆزلىرى ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدىيالايدىغان بولالىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.»

قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى كونيا ئىرفان جەمئىيىتى باشلىقى مەمەت ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 40 كىشىلىك ھەيئەتنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى يوقلاپ كېلىپ ئۇلارنىڭ قېيىنچىلىقلىرىنى ئاڭلاپ يېزىپ كەتكەنلىكىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ ھەيئەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي ياردەم ئېلىپ كېلىپ تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى دېدى.

مىڭ ئۇيغۇر ئولتۇراقلاشقان قوروجايدىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى ئەمىن قارى كونيادىن كەلگەن ئاممىۋىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەتنىڭ ئۆزلىرىگە ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىكىنى، بۇنى نامرات ئۇيغۇرلارغا تارقىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

شەرقىي جەنۇبى ئاسيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن مىڭ كىشى قەيسەرىدىكى دۆلەتنىڭ قوروجايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلار ھازىرغىچە تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ماددىي ياردەمى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كەلمەكتە ئىدى. كېيىنكى 7 - 8 ئايدىن بېرى ياردەم توختاپ قالغان بولۇپ، 7 - فېۋرال كۈنىدىكى ياردەم 7 ئايدىن بۇيانقى تۇنجى ياردەم ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.