23 ئاممىۋىي تەشكىلات ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تايلاند ئەلچىخانىسىغا مەكتۈپ يوللىدى

0:00 / 0:00


تۈركىيە خەلقىنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل پائالىيەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

12 - يانۋار دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا 23 ئاممىۋىي تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئىستانبۇل سىركىچىدىكى مەركىزى پوچتاخانا ئالدىغا جەم بولۇپ، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە نامايىش ئېلىپ باردى ۋە بۇ توغرىدا تايلاندنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مەكتۇپ ئەۋەتتى.

ئادۋوكات ئۇغۇر تارخان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن يىلى مارت ئېيىدا خىتاي زۇلۇمى ۋە بېسىملىرىدىن قېچىپ تايلاندقا كەلگەن ئەر - ئايال ۋە كىچىك بالىلاردىن تەركىپ تاپقان 400 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۈركلىرى تايلاندتا تۇتۇلۇپ قېلىپ تۈرمىگە قاماپ قويۇلدى. شۇنىڭدىن بۇيان تايلاندنىڭ ئىككى رايونىدىكى ئايرىم - ئايرىم 6 تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە ناچار مۇھىت ئىچىدىن قۇتۇلۇشنى كۈتۈپ ياتماقتا. خىتاي دائىرىلىرى، مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى تايلاندتىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگىچە باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بىلەن ناچار نامى دۇنياغا مەشھۇر بولغان خىتاينىڭ تەلىپى تايلاند تەرەپتىن قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە مۇھاجىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۆلۈم بىلەن جازالىنىش خەتىرىگە ئۇچرايدۇ.»

ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىش ۋە زۇلۇمغا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تەييارلانغان ئىلتىماسلىرىمىزنى تايلاند پادىشاھلىقنىڭ باش ئەلچىلىكىگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك مۇساپىرلار ئىشخانسى تۈركىيە بۆلۈمىگە ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئەۋەتتۇق. مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ بۇ مەسىلىگە سەل قارىماسلىقىنى، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ دەرھال ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى تەلەپ قىلىمىز. شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئۇيغۇر تۈركلىرى يالغۇز ئەمەس.»

چاناققەلئە 1915 روھى ياشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى تونۇتۇش مەقسىتىدە يۈرۈش ئورۇنلاشتۇردى.

ھاسان مەۋسۇف كوچىسىدىكى جەمئىيەت بىناسى ئالدىغا توپلانغان گۇرۇپپا ئەزالىرى، تەكبىر توۋلىشىپ، «مۇسۇلمان ئۇخلىما، قېرىندىشىڭغا ئىگە چىق! شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مۈرىنى مۈرىگە تىرەيلى!. ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان!» دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاپ دېمىرجى ئوغلى كوچىسىدىن تاكى ئىسكەلە مەيدانىغىچە يۈرۈش قىلدى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمغا دىققەت تارتىش مەقسىتىدە يۈرۈش قىلغان بۇ گۇرۇپپىدىكىلەر ئىسكەلە مەيدانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. باياناتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇملارنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاناققالە 1915 رۇھى ياشلار جەمئىيىتى باشلىقى خالىت قۇبىلئاي فىرات ئەپەندى مۇنداق دېدى: «1949 - يىلىدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا دىكتاتۇرلۇق ھاكىمىيىتى ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا ئۇچراپ كەلمەكتە. بىز 1915 چاناققالە روھى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چاناققەلە غەلبىسىنىڭ 100 - يىلىدا كۈنىمىزنىڭ تىنچلىق سىموۋولى شەھىرى بولغان چاناققەلئەدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرد - ئەلەم ۋە قايغۇلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە زۇلۇمغا توختا دەيمىز. بىز مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭمۇ بۇ ھەقتە قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

تۈركىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبىسى، مىللەتپەرۋەر ئادۋوكاتلار بىرلىكى، تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبىسى، ئۈلكۈ ئوجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبىسى، ئالپەرەن ئوجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبىسى، تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى فوندى قاتارلىق 23 ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان 100 كىشىلىك گۇرۇپپا سىركىچىدىكى مەركىزى پوچتىخانا ئالدىغا توپلىنىپ نامايىش قىلدى ۋە تۈرك ۋە شەرقىي تۈركسىتان بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، تۈركىيە ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئىگە چىق! دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.

بۇ يەردە يەنە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، باياناتنى نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن تۈركىيە ئادۋوكاتلار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئادۋوكات ئۇغۇر تارخان ئەپەندى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئادۋوكات ئۇغۇر تارخان ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرى ۋە مۇساپىرلار قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلمىغانلىق بىلەن ئەيىبلىدى ۋە سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغۇچىلارنى قايتۇرۇپ بېرىش خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسى، مۇساپىرلار ھوقۇقلىرىغا ئالاقىدار كېلىشىملەرگە ئاساسەن، ھاياتى ۋە ئەركىنلىكى خەۋپ ئىچىدە قالغان ھەر قانداق سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغۇچىنىڭ قايتۇرۇلماسلىقى قوبۇل قىلىندى. ئۇ قانۇن ۋە شەرتنامىلەردە يەنە سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان مۇساپىرلارنىڭ ياشاش ئۈچۈن باشقا بىر دۆلەتكە كېتىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.»

قەيسەرى ۋىلايىتىدىكى ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەلەرنى كۆرسىتىش ئۈچۈن شەھەر مەركىزىدىكى مەيدانىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

رەسىم كۆرگەزمىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرى كۆرسىتىلىدى. قەيسەرى ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ماھمۇت جۈمەرت ئەپەندى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ۋە قەيسىرى خەلقىگە خىتاي زۇلۇمىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە بۇ كۆرگەزمىنى ئاچقانلىقىنى بايان قىلدى. جۈمەرت ئەپەندى، «تايلاندتا پاناھلىق تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاتقان 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھالىدىن يەنە بىر قېتىم چۈشىنىپ يەتتۇقكى، ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن بولغان قېرىنداشلىرىمىز بۇ دۇنيادا ھەقىقەتەن ئىگە چاقىسىز قاپتۇ. ئانادولۇ تۈركلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزىمىز مۇستەقىل ياشاپ كېلىۋاتقان تۇپراقلاردا بۇ كۆچمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولالماسلىقنىڭ چارىسىزلىكىنى ھېس قىلماقتىمىز. قېرىنداشلىرىمىز ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇشقا ئوخشاش دىنىي ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشتا، ساقال قويۇش ۋە بېشىغا ياغلىق ئارتىشقا ئوخشاش دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئەركىن ئېلىپ بېرىشتا قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىش بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا ھەم قانداشلىق، ھەم دىنداشلىق ۋەزىپىمىزدۇر. شۇڭا ھەر بىر كىشىنى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىمىز. ھېچ بولمىغاندا دۇئالىرىمىزدا ئۇلارغا ئالاھىدە دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايلى.» دېدى.