تۈركىيەدىكى مەسچىتلەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

مەركىزى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشقان «ئاناتولىيە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى» تەرىپىدىن باشلىتىلغان «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن دۇئا قىل ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆت» نامىدا تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.


11 - يانۋار كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى چوڭ جامەلەردىن بىرى بولغان ھاجى بايرام جامەسىدە ۋە تۈركىيەنىڭ غەربىدىكى ئۇششاق ۋىلايىتى، ئەرزىنجان شەھىرى، بوسنىيە ۋە سىپرۇسنىڭ پايتەختىدىكى لەفكوشەدىكى بەزى جامەلەردە بولۇپ 50 ئەتراپىدا مەسچىتتە ئۆتكۈزۈلگەن نامازدا، ئوپچە ھالدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.

11 - چېسلا يەكشەنبە ئەتىگەن ئەنقەرە ھاجى بايرام جامىسىدىكى ئەتىگەنلىك نامازغا بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان «ئاناتولىيە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى»نىڭ رەئىسى، ئىنسانىي ياردەم ۋەخپە ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇللىرى، جامائەت ۋە ئەنقەرەدىكى بەزى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. ناماز ئاخىرىدا پۈتۈن مۇسۇلمانلار قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى. ئارقىدىن ئىمام ۋەز ئېيتىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنىڭ يوقلۇقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قاتتىق بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، بۇ زۇلۇمنىڭ ئازىيىشى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئا قىلىشى ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە «ئاناتولىيە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى»رەئىسى ئابدۇلۋاھىت يۈجەل ئەپەندىنىڭ مەتبۇئات باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ياشلار تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى بەلگىلەنگەن چوڭ مەسچىتلەردە، شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى لېفكوشەدىكى ھەزرىتى ئەبۇبەكىر مەسچىتى، بوسنىيەدىكى غازى ھۈسرەۋ بېگوۋا مەسچىتى ۋە پەلەستىننىڭ غازى شەھىرىدىكى پۈتۈن مەسچىتلەردە ئەتىگەنلىك ناماز قىلىپ، نامازدىن كېيىن «ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان» نامى ئاستىدا ئوپچە دۇئا قىلىدىكەن. بۇ پائالىيەت ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بىرىنچىسى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەشۋىق ۋارىقى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەشۋىق ۋارىقى


ناماز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاناتولىيە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەر دائىم كۈرەش قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مىليونلىغان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

جامائەت نۆلدىن تۆۋەن 15 گىرادۇسلۇق سوغۇققا قارىماستىن مەسچىت ئالدىدا قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى چەكلەنمىسۇن، ھۆكۈمەت ئۇخلىما ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىق» دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان ھالدا، بىر ھازا تۇرغاندىن كېيىن تارقىلىپ كەتتى.