تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر قىسىم تۈرك رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00


يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ دىققىتى تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك قاتارلىق تۈرك خەلقلەرگە تارتىلدى. مەتبۇئاتلاردا بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەرنى ئىشىد ياكى دائىش دەپ تونۇلغان تەشكىلاتقا چېتىپ قارىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىغا داغ تېگىش ئەندىشىسى كۈچىيىشكە باشلىدى.

تۈركلەر راستىنلا ئۇيغۇرلارنى يامان كۆرۈشكە باشلىدىمۇ؟ بىر تېررورچىنىڭ سەۋەبىدىن بىر خەلقنى ياكى بىر مىللەتنى ئەيىبلەش توغرا بولامدۇ؟ تۈرك رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارغا قانداق قارايدۇ؟ بىز بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور مۇرات كوترا ۋە ئىستانبۇلنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيىسى سالاھىدىن ئۆزدەمىر ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سالاھىدىن ئۆزدەمىر ئەپەندى، «تۈركلەر بىلەن تارىخىي مۇناسىۋىتى بولغان ئۇيغۇرلارغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئەلۋەتتە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا ئوخشاش خۇسۇسەن ئۇيغۇر تۈركلىرىگە پۈتۈن خەلقىمىز، ھۆكۈمىتىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرى ھەر زامان ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇلارنى ئۆزىمىزدىن ئايرىمىدۇق، ئۇلار بىلەن قان ۋە جان مۇناسىۋەتلىرىمىز بارلىقىنى بىلىمىز، ئۇ يەرلەر بىزنىڭ ئەسلى ئانا ۋەتىنىمىزدۇر، بىز ئۇ يەردىن بۈگۈنكى ۋەتىنىمىز ئانادولىيىگە كەلدۇق، ئەمما ئۇ يەرنى باشقىلارنىڭ دەپ قارىمايمىز، ئۆزىمىزنىڭ دىيارى دەپ قارايمىز. ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ ھەل بولۇشى بىزنىڭمۇ ئارزۇيىمىز، خۇدايىم بۇيرىسا، ئۇ ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىمىز، بىز ھەر زامان شۇنى ئارزۇ قىلىپ كەلدۇق. ھەقىقەتەن بىزنىڭ مىللىتىمىز ھەر زامان تۈرك دۇنياسىنىڭ، مەزلۇملارنىڭ يېنىدا بولىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېلىپ تۈركىيىدە ياشاۋاتقان پۈتكۈل قانداش قېرىنداشلىرىمىز تۈركىيىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدىكىدەك ھېس قىلىدۇ. بىز ئۆز-ئارا ئۇرۇق-تۇغقانلار بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ يەردىكى ئىنسانلىرىمىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىنىنى مەن ئاڭلىمىدىم. يەنى كۆڭلىمىزنىڭ يېقىنلىقى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئاللاھ يولۇڭلارنى ئېچىپ بەرسۇن، ھەممىمىز بىرلىكتە گۈزەل كۈنلەرنى كۆرىمىز، خۇدايىم بۇيرىسا.»

ئەلجەزىرە تور گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جان ھاساسۇنىڭ، ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى شۇنداقلا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستېتى تۈركولۇگىيە تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل بىلەن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بارغان زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى.

دوكتور ئۆمەر قۇل دەسلەپتە ئۇيغۇر تۈركلىرى قاتارلىق تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق نەچچە مىڭلىغان كىشى ئىشىد (ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى) تەشكىلاتىغا چېتىپ قارىغانلىقتىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر قۇل مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇلدىكى كېچىلىك كۇلۇبتا يېڭى يىل كېچىسى يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى دەسلەپتە ئۇيغۇر تۈركىي دېيىلدى، ئەمەلىيەتتە ئۆزبېكىستانلىق ئىكەنلىكى ئاشكارا بولدى. ئابدۇقادىر ماشارىپوف تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى، تۈركىيىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا ئوخشىتىلغانلىقى ئۈچۈن بەزى كىشىلەر تاياق يىيىشكە ئۇچرىدى. رېينا ھۇجۇمچىسى تۇتۇلغاندىن كېيىنمۇ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا قارشى يامان كۆز بىلەن قاراش داۋام قىلىۋاتىدۇ.

دوكتور ئۆمەر قۇل ھەر مىللەتتىن ياخشى ئىنسانلار چىققانغا ئوخشاش ناچار، تېررورچى، قاتىل ئىنسانلارنىڭمۇ چىقىدىغانلىقىنى، بىر قاتىلنىڭ سەۋەبىدىن پۈتۈن بىر مىللەتنى ياكى خەلقنى ئەيىبلەشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھەر مىللەتتىن يامان نىيەتلىك ئىنسانلار، قاتىللار، تېررورچىلار چىقىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ قاتىللىق ۋەقەسى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنى خۇسۇسەن تۈركىيىدە پاناھلانغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى پىسخولوگىيە جەھەتتە رەنجىتىدىغان ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە بىئارامچىلىق پەيدا قىلدى. ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خەۋەرلەردە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتىلنىڭ ئۇيغۇر تۈركىي ئىكەنلىكى توغرىسىدا كوچا پاراڭلىرى تارقالدى. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا قارىتا خۇددى نەپرەتلىنىش پىسخولوگىيىسى پەيدا قىلىندى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سادىق ۋەتەنداشلىرى بولغان، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر تۈركىي، كۈندۈلۈك ئىجتىمائى ھاياتلىرىدا ھازىرمۇ پىسخولوگىيىلىك جەھەتتە سەلىبىي تەسىرىگە ئۇچرىماقتا.

بىز بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلىرىدىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور مۇرات كوترا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇرات كوترا ئەپەندى ئالدى بىلەن «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ئۇيغۇرلارغا قانداق قارايدۇ؟ سىز قانداق چۈشەنچىگە ئىگە ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا نىسبەتەن بىزنىڭ كۆز-قاراشلىرىمىز شۇكى، تۈركلەر ياشايدىغان ھەر يەر بىزنىڭ زېمىنىمىزدۇر، ئۇ يەرمۇ بىزنىڭ زېمىنىمىز، ئۇ يەردە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان 30 مىليون يۇرتداشلىرىمىزغا ئالاقىدار بىز مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پارلامېنتتا ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن، سىلەرنىڭ تەلەپلىرىڭلار، قىيىنچىلىقلىرىڭلار، مەسىلىلىرىڭلارغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئىلتىماس سۇنغان ھامان، بىز ئۇنى پارلامېنتقا تەقدىم قىلىپ پارلامېنت ئەزالىرىمىز بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدە سۆزلەپ، سىلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئاۋازى بولىمىز. شەرقىي تۈركىستانغا نىسبەتەن بىز جىددىي قارايمىز، قەيەردە بىر زۇلۇم ئاستىدا قالغان تۈرك زېمىنى بولسا، بىز ئۇ يەرلەرگە ئەڭ ئالىي دەرىجىدە جىددىي قارايمىز. ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلىشقا تىرىشىمىز.»

بىز يەنە، ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۈركىيىدە بىر خىل يامان كۆرۈش ئەھۋالىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بۇنىڭدىن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشە ئىچىدە قالغانلىقىنى بىلدۈردۇق ۋە «بۇ ئەھۋالغا سىز قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىدۇق. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبىسى باش كاتىپى دوكتور مۇرات كوترا ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئەندىشە قىلىش كېرەك، سىلەرگە قېرىندىشىم دەپ قوچاق ئاچقان تۈركىيە ھەر دائىم قۇچاق ئاچىدۇ، بىر كىشى سادىر قىلغان تېررورلۇق ھەرىكەتنى ئومۇمىي بىر مىللەتكە ئارتىش مۇمكىن بولمايدۇ. ئۇ جەھەتتە ھېچ قانداق بىر مەسىلە يوق. بىز بىر قېرىنداش، بىر-بىرىمىزگە قۇچاق ئېچىشنى ھەر دائىم داۋام قىلىمىز. تېررورلۇققا لەنەت ئوقۇيمىز، بىر كىشىنىڭ سادىر قىلغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنى چوڭ بىر خەلققە ئارتىپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ».

بىز يەنە دوكتور مۇرات كوترا ئەپەندىدىن «ئۇيغۇرلارغا دېمەكچى بولغان سۆزىڭىز بارمۇ ؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «قىزغىن سالام يوللايمەن، ئاللاھ ياردەمچىسى بولسۇن. بۇ يەردە ئۇلارنى ئويلايدىغان، ئۇلار ئۈچۈن غەم-قايغۇغا چۈمگەن، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خۇشال بولىدىغان قېرىنداشلىرى بار، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى، ئۈلكۈچىلەر بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چىن يۈرەكتىن ياخشى كۆرىمىز، سالام يوللايمىز.»