تور ئارقىلىق تۈركىيە ۋىزىسى ئېلىش رەسمىي باشلاندى

0:00 / 0:00

تۈركىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، ئافغانىستان، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى، ئىراق ۋە تەيۋەن پۇقرالىرىغا ئېلېكترونلۇق يەنى تور ئارقىلىق ۋىزا بېرىش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمىگەن ئىشەنگەن يەنى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ساياھەت قىلىش ۋىزىسى ياكى OECD دۆلەتلىرىنىڭ ۋىزىسى بار ئافغان ۋە نورمال پاسپورتى بار خىتاي پۇقرالىرى www.evisa.gov.tr تور ئادرېسى ئارقىلىق 15 ياۋرو ياكى 20 دوللار تۆلەپ 30 كۈنلۈك ۋىزا بېجىرەلەيدۇ.

تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ۋىزا بىلەن تۈركىيەگە كەلگەنلەر بىر قېتىم، 30 كۈن ساياھەت قىلالايدىكەن. بۇ ۋىزا سىياسىتى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن تارتىپ ئەمەلىيلىشىشكە باشلىغان.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بەزى ئۇيغۇرلار بۇ ۋىزىنى ئېلىشتىكى ئالدىنقى شەرتلەرنى بىلمىگەن بولغاچقا، ۋىزىنى تور ئارقىلىق ئېلىپ ئىستانبۇل ئايرودرومغا كەلگەندە تۈركىيە چېگرىسىدىن كىرەلمەي، ئايرودرومدىكى ساقچى ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. مەزكۇر ۋىزىغا ئىگە بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋىزا تەلەپ قىلغۇچىنىڭ پاسپورتىدا ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىشەنگەن ۋىزىسى ياكى OECD دۆلەتلىرىدىن بىرىنىڭ ۋىزىسى بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇنداقتا OECD دۆلەتلىرىگە قايسى دۆلەتلەر كىرىدۇ؟ بۇ دۆلەتلەر، ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، كانادا، بېلگىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، گىرېتسىيە، ئىرېلاندىيە، لۇكسىمبۇرگ، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىبارەت. تۈركىيە 1961-يىلى بۇ بىرلىككە ئەزا بولغان.

تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىلەر ئېنىق يېزىقلىق تۇرۇقلۇق، بەزى ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن بۇ ۋىزىنى ئېلىپ، نۇرغۇن چىقىم قىلىپ ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايروپىلان ئىستانسىسىغا كېلىپ، قايتۇرۇۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچار بولماقتا؟ ھازىرغىچە بۇ ۋىزا بىلەن كېلىپ تۈركىيە چېگرىسىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار نەچچىلىك؟ تور ئارقىلىق تۈركىيە ۋىزىسى ئالماقچى بولغانلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇررەشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ پۇل ئۈچۈن خەلقنى ئالداپ تۈركىيەگە بارىدىغان بۇ خىل ۋىزىلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ساياھەتچىلارنى ئالداۋاتقانلىقىنى، ۋىزا ئالغۇچىلارنىڭ ئالدىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن بۇ بەلگىلىمىلەرنى ياخشى ئوقۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.