ئەردوغاننىڭ «بىزنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئېلىڭلار» دېگەن سۆزى تۈركىيىدە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «بىزنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئېلىڭلار» دېگەن سۆزى تۈركىيىدە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.01.31
qanat-atqaya-erdoghan-shangxey-hamkarliq-305.jpg «ھۆرىيەت» گېزىتى ئوبزورچىسى قانات ئاتقايا ئەپەندىنىڭ ئوبزورى. 2013-يىلى 31-يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تونۇلغان ژۇرنالىست جەڭگىز چاندار ئىككى ماقالە، سەدات ئەرگىن ئۈچ ماقالە ۋە يەنە كۆپ ساندا ژۇرنالىستلار ماقال يېزىش ئارقىلىق باش مىنىستىرنىڭ بۇ سۆزى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزدى.

«ھۆرىيەت» گېزىتى ئوبزورچىسى قانات ئاتقايا ئەپەندىمۇ 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى ئوبزورىدا، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بىزنى ئېلىڭلار» دېگەن سۆزى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزگەن. ئۇ ماقالىسىدە دارتمىلىغان ھالدا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر بىر-بىرىدىن دېموكراتىك دۆلەتلەر» دېيىش ئارقىلىق، مىساللار بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ دۇنيادىكى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن-تۈزۈم جەھەتتە دۇنيادا ئەڭ ئارقىدا قالغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە ھەمكارلاشماقتا. بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە قىسقىچە شۇلارنى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە قارشى كىشىلەرنى گۆشى سېنىڭ، سۆڭىكى سېنىڭ دەپ تۇتۇپ تاپشۇرۇپ بەرمەكتە. تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى سوراشقىمۇ ھېچكىشى جاسارەت قىلالمايۋاتىدۇ. سۆزدە دېموكراتىيىنى كۈچلەندۈرىمىز دېگەن بىلەن ئۇلارنىڭ دېموكراتىيىسى پۇتىن ۋە خۇ جىنتاۋنىڭ دېگەنلىرىدىن ئىبارەت.

«ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى سەدات ئەرگىن ئەپەندىنىڭ ئوبزورى. 2013-يىلى 31-يانۋار، تۈركىيە.
«ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى سەدات ئەرگىن ئەپەندىنىڭ ئوبزورى. 2013-يىلى 31-يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

قانات ئاتقايا ئەپەندى «تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان تەقدىردە ئۇيغۇر مەسىلىسى قانداق بولۇپ كېتىدۇ؟»، دېگەن تېمىدا مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ:
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا خىتاي ۋە تۈركىيىنىڭ كۆز قارىشى ئېنىق. ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ بايانات بەرگەن ئىدى. ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ۋەھشىيلەرچە سىياسەتلەرنى تېڭىۋاتقان خىتاينىڭ تۈركىيىنىڭ كۈلتۈر دائىرىسى ۋە تارىخىي تېررىتورىيىسى بولغان رايوندىكى قېرىنداشلىرىنى تېررورىست دەۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. خىتاي قېرىنداشلىرىمىزنى تېررورىست دەۋاتسا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ شۇ خىل قاراشتا ئىكەنلىكى ئېنىق. ئۇنداقتا بۇ ئىش قانداق بولىدۇ؟

ئوبزورچى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش ھەققىدىكى باياناتىغا بولغان كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ:
ئا ق ش تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋىكتورىيە نۇلەند ئالدىنقى كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا بىر مۇخبىرنىڭ «باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىمىز دەۋاتىدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىغا،«ھىم،،، ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولامدىكەن؟ قىزىق.» دەپلا قويغان.

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى سەدات ئەرگىن بۈگۈن ئېلان قىلغان «ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىدىن چىقىپ كېتەلەمدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بىزنى ئېلىڭلار، دېگەن سۆزىنىڭ بىر قانچە كۈندىن بۇيان تۈركىيە خەلقىنىڭ كاللىسىدا، بىزنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر بىلەن زادى نەرىمىز ئوخشايدىغاندۇ، دېگەن سوئالنى پەيدا قىلماقتا دەپ باشلايدۇ. تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن كۈلتۈر ۋە دىنىي جەھەتتىن ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئىگە. تۈركىيە 2009-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىرلىكى تەشكىلاتى ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەر بىلەن بىرلەشتى. لېكىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن قانداق ئورتاق تەرىپىمىز بار. ئەقەللىيسى دېموكراتىيە، قانۇن ئەۋزەللىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق جەھەتلەردىن تۈركىيىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن زادىلا ئوخشىمايدىغانلىقى ئېنىق. دىكتاتورىلىق تۈزۈمى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى جەھەتتە خىتاي بىلەن رۇسىيە دۇنيادىكى تىپىك مىساللاردىن ئىبارەت. بۇنداق بىر تەشكىلات بىلەن كەلگۈسىدە تۈركىيىنىڭ ھەمكارلىشىشى پەقەتلا مۇمكىن ئەمەس. بۇنى تونۇپ يېتىشىمىز لازىم.

سەدات ئەرگىن ئەپەندى ماقالىسىدە سابىق مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى، تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋە تونۇلغان دىپلومات ئۆزدەم سامبەرگ ئەپەندىنىڭ «Todays-Zaman» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىغا ئورۇن بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
باش مىنىستىرنىڭ بۇ سۆزى دۇنيادا زور ئىستراتېگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ۋەزىيەتتە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزاسى بولغان تۈركىيە خىتاي بىلەن رۇسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قارىشى بولغان بىر گۇرۇھقا ئەزا بولغان بولىدۇ. مەنچە تۈركىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قارشى بىر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشى نېمە؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.