خىتاي، تۈركىيەدىكى رېفېرېندۇمنى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى»گە رىقابەت دەپ قارىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.04.18
turkiyede-islahat-prezidentliq-tuzum-referendum.jpg تۈركىيەدە پارلامېنت تۈزۈمىدىن پرېزىدېنتلىق تۈزۈمگە ئۆتۈش ئۈچۈن راي سىناشقا قارشىلىق بىلدۈرۈپ ۋە تاشلانغان بېلەتكە ساختىلىق قىلىندى، دەپ نامايىش قىلىۋاتقانلار. 2017-يىلى 18-ئاپرېل، ئىستانبۇل.
AFP

تۈركىيەدىكى رېفېرېندۇمدىن كېيىن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى رېفېرېندۇم، يەنى ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىشتىن كېيىنكى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا، تۈركىيەدە بۇندىن كېيىن پان تۈركىزىم ئىدىيەسىنىڭ كۈچىيىش ئېھتىماللىقى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىغا پەيدا قىلىدىغان رىقابىتى ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلغان. تۈركىيەدىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۈگۈن خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىدە «تۈركىيەدىكى رېفېرېندۇم خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىگە رىقابەت ئېلان قىلماقتا» ماۋزۇسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. تۈركىيەدە بۇ يەكشەنبە كۈنى پرېزىدېنتلىق سىستېمىسىغا ئۆتۈش ياكى پارلامېنت تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى،يەنى رېفېرېندۇم دۇنيانىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. بولۇپمۇ غەرب ئەللىرى پرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئۆتكەن تەقدىردە بۇنىڭ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تۈركىيەدىكى دېموكراتىك سىستېمىغا زىيان بېرىشى مۇمكىنلىكىنى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بولسا ئوخشىمايدىغان بىر نۇقتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ تۈركىيەدىكى رېفېرېندۇمغا باھا بەردى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: تۈركىيەدىكى رېفېرېندۇم نەتىجىسى تۈركىيە پرېزىدېنتىنىڭ ھوقۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ تۈركىيەدە پانتۈركىزم ئىدىيەسىنىڭ كۈچىيىشى ۋە نەتىجىدە خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە ئوخشايدىغان تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.

«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى زەن تاۋ: «رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ غەلىبىسى تۈركىيەدە پان-تۈركىزىمنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە يول ئېچىپ بېرىشى ۋە نەتىجىدە بۇ دۆلەتتىكى بىر قىسىم سىياسىي كۈچلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورچىلارغا، بۆلگۈنچىلەرگە ياكى دىنى رادىكاللارغا ھېسداشلىق قىلىشى، ھەتتا قوللىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن»، دەپ مۇلاھىزە قىلغان.

تۈركىيەدىكى سابىق پارلامېنت ئەزاسى، پروفېسسور دوكتور ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى يۇقىرىدىكى مۇلاھىزىگە باھا بېرىپ، «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇرسەت تاپسىلا ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا چېتىۋالىدىغان خاھىشىنىڭ بىر مەھسۇلاتى خالاس»، دەيدۇ. ئۇ سۆزىدە تۈركىيەنىڭ ھەرۋاقىت ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ رېفېرېندۇم بىلەنمۇ بەك ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، «مەن بۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان سۆزلەرنى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھە دېسە تېررورلۇق ۋە تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر مەھسۇلى، دەپ قارايمەن. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئاتايدۇ. ئەمما تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتى مىللىي بىر داۋا سۈپىتىدە قوللاشقا ئېرىشىپ كەلگەن. مەيلى ئەردوغان ھۆكۈمىتى بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى باشقا ھۆكۈمەتلەر بولسۇن ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسى دېگەن تۈركىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئۇنى ھەممە ھۆكۈمەتلەر قوللىغان. بۇنىڭ رېفېرېندۇم بىلەن ئالاقىسى يوق. بۇ يەردە خىتاينىڭ نېمىنى تېررورلۇق دەۋاتقانلىقى ياكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ قايسى سەۋىيەدە قوللاۋاتقانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك» دېدى.

«يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى بولسا خەۋىرىدە، سۈرىيەدە «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» قارمىقىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تۈركىيەنىڭ ئىشىك ئېچىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، «سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەساد بىر قېتىم خىتاينىڭ فىنېكس تېلېۋىزىيەسىگە سۆز قىلغاندا تۈركىيە ئۇيغۇر جىھادچىلارغا چېگرانى ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ. مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نېمىشقا ئۇلارنى توسمايدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم، دېدى» دەپ يازغان. ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى بولسا بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، سۈرىيەدە «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» قارمىقىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بار دېيىلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى ھەرىكەتلەر بىلەن قانچىلىك ئالاقىسى بارلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى، بىر ئالاقىسى بارلىقىغا دائىرمۇ ھېچقانداق بىر ئىسپات يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى مۇلاھىزىسىدە يەنە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇنىڭغا خىتايدىكى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتچىسى، خىتاينىڭ ئىراندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق ئەلچىسى خۇئا لىمىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. خۇئا لىمىڭ سۆزىدە، رېفېرېندۇمدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چوقۇم يىرىكشىدىغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيەنىڭ بۇندىن كېيىن خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەم بۇنىڭغا تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىش پىلانىنىمۇ قوللايدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ھازىر تۈركىيەنىڭ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن غەرب دۆلەتلىرىدىن يامانلىسىمۇ،ئەمما بەرىبىر ئۇلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا مەجبۇرلىغىنى بىلدۈردى.

ئەخات ئاندىجان ئەپەندىمۇ يۇقىرىدىكى سۆزنى قوللاپ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ياۋروپانىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ زور بىر قىسمى ياۋروپاغا باغلانغان. شۇڭا مەن غەربكە باغلانغان بىر تۈركىيەدە ھوش-كاللىسى جايىدا ھەرقانداق بىر سىياسەتچىنىڭ بۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى تۈركىيە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇۋالسا ئىقتىسادىي جەھەتتىن جىددىي كىرىزىسكە پېتىپ قالىدۇ. بۇ كرىزىسنى يا خىتاي يا رۇسىيە بىلەن ھەل قىلىپ بولالمايدۇ. ئەردوغان رېفېرېندۇمدىن ئىلگىرى ياۋروپانى ئۇنى قىلمىساڭلار بىز ياۋروپا بىرلىكىگە كىرىشتىنمۇ ۋاز كېچىمىز، دېگەندەك تەھدىتلەرنى قىلدى. شۇڭا بەزىلەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولارمۇ، دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ئۇنداق ئېھتىماللىقمۇ يوق ئەمەس. مەن ئەردوغاننىڭ بۇنداق بىر سىياسىي يول تۇتىدىغانلىقىغا ئانچە ئېھتىماللىق بەرمەيمەن» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.