ب د ت قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئىپادە بىلدۈردى

0:00 / 0:00

7-ئاينىڭ 15-كۈنى كېچىدە تۈركىيە ئارمىيىسى ئىچىدىكى ئۆزىنى «يۇرتتا تىنچلىق كومىتېتى» دەپ ئاتىۋالغان بىر گۇرۇھ ھەربىي تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە بايانات بېرىپ، تۈركىيەدە ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما 16-ئىيۇل شەنبە كۈنى ئەتىگەن ئەرداغان ھۆكۈمىتى بايانات بېرىپ، مەزكۇر ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇپ قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 17-18-ئىيۇل كۈنلىرى بەرگەن خەۋەرلىرىدە مەزكۇر ھەربىي ئۆزگىرىش ۋەقەسى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە خىزمىتىدىن توختىتىلغان ھەربىيلەر ۋە ئەدلىيە-سوت، ساقچى خادىملىرى توغرىلىق تۈركىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ باياناتىدىن نەقىل ئېلىنىپ خەۋەر بېرىلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مەزكۇر ھەربىي ئۆزگىرىش ھەرىكىتىگە چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان گېنېراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3000 دەك ھەربىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، 2700 نەپەر سوتچى ۋە ئادۋوكاتنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسا، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 18-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە يەنە، تۈركىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، 19-ئىيۇلغىچە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ 9000 غا يەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق گېنېرال بارلىقى، 8000 غا يېقىن ساقچىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى قاتارلىقلار خەۋەر قىلىندى.

تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ب د ت، ياۋروپا بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ، تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۆۋەتتە تۈركىيەدە داۋاملىشىۋاتقان «خائىنلارنى جازالاش» نامىدا ھەربىي، ئەدلىيە ۋە ساقچى خادىملىرىنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەردۇغان ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان.

تۈركىيە ت ر ت رادىئوسىنىڭ 16-ئىيۇلدىن 18-ئىيۇلغا قەدەر بېرىلگەن خەۋەرلىرىدە، خەلقئارانىڭ مەزكۇر ۋەقەنى ئەيىبلىگەن باياناتلىرى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلدى. ت ر ت نىڭ 16-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىرلەشكەن دۆلەىتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بانكى موننىڭ مەزكۇر ۋەقەنى ئەيىبلەپ، تۈركىيەدىكى ھەربىي-سىياسىي سۈيىقەستنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكى، ۋەزىيەتنى دېموكراتىك پرىنسىپلار، قانۇن-بەلگىلىمىلەر ۋە تىنچ يول بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەنلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكې موغېرىنى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى جوھانېس ھانننىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي -سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسىنى ئەيىبلەپ ئورتاق يازما بايانات ئېلان قىلغانلىقى، رۇسىيە، گىرۇزىيە، ئۇكرائىنا، شىۋېتسىيە، پاكىستان قاتارلىق كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ مەزكۇر ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ مەزكۇر ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى قاتارلىقلار بايان قىلىندى.

ت ر ت نىڭ 16-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كەررىينىڭ كېلەر ھەپتە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىقنىڭمۇ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

خەلقئارا تاراتقۇلاردىن ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ 15-ئىيۇل كۈنى بايانات بېرىپ، تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە توقۇنۇش ۋە قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغانلىقى، ئوبامانىڭ يەنە ئەينى چاغدا موسكۋادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كەررىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تۈركىيە ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى سۈرۈشتۈرگەنلىكى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كەررىينىڭ 16-ئىيۇل شەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، « ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى تەكشۈرىدىغانلىقى» تىلغا ئېلىندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭمۇ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە بايانات بېرىپ، « شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغانلىقى» خەۋەر قىلىندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 16-ئىيۇلدىن 18-ئىيۇلغىچە بولغان خەۋەرلىرىدە يەنە، يەنە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەررىنىڭ چنن قانىلىدا بايانات بېرىپ، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردۇغان ۋە باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن مەزكۇر ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدە پەردە ئارقىسىدا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىغان دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىش تەلىپىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىش مەسىلىسىدە تۈركىيەدىن كېلىدىغان رەسمىي تەلەپ ۋە پاكىتلارغا قاراپ چىقىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكى، شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭمۇ مەخسۇس بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىبېشى گۈلەننىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدە قولى بارلىقى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرىغا تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

تۈركىيە ت ر ت رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، تۈركىيە-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 1979-يىلى 7-ئىيۇندا ئىمزالانغان، 1981-يىلى 1-يانۋاردا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا قايتۇرۇپ بېرىش ۋە جازالاشتا ئۆز-ئارا ياردەملىشىش كېلىشىمى»گە ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.