تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ۋەكىلمۇ قاتناشتى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى 278 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ بىرلىشىشى بىلەن تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش ئىسيانىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. 19-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ساراچخانا باغچە مەيدانىدا 15 -ئىيۇل يۈز بەرگەن ھەربىي ئىسيانغا قارشى بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

تۈركىيە ياشلار ۋە تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرى ۋەخپى، مۇستەقىل سانائەت ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق 278 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ رەئىس ۋە ياكى ۋەكىللىرى فاتىھ ساراچخانا باغچە مەيدانىغا جەم بولۇپ، مىللىي ئىرادە مۇنبىرى نامىدا ھەربىي ئۆزگىرىش ئىسيانىغا قارشى نارازىلىق بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تارىخنىڭ تەكرارلانغانلىقى، تۈرك مىللىتىنىڭ ئىرادىسى سىرتىدا بىر لايىھەنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئىمكان يوقلۇقى ۋە ھەربىي ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت ئويۇننىڭ بۇزۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بايانات ئېلان قىلىش پائالىيەتكە تۈرك ھاۋا يوللىرى باشلىقى ئىلكەر ئايجى، فاتىھ ناھىيىلىك شەھەر باشلىقى مۇستافا دەمىر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان خەلق قوللىرىدا تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا قاتناشتى ۋە پائالىيەتنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.
بۇ پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن خۇرشىدە خانىم قاتناشتى.

باياناتنى تۈركىيە ياشلار ۋە تەلىم - تەربىيە خىزمەت ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئارزۇ ئاكالىن ئوقۇدى.

ئارزۇ ئاكالىن مۇنداق دېدى: «ئالدىمىزدا ئارمىيىسى، مىللىتى، ھۆكۈمىتى، ئۆكتىچى ۋە دۆلەت بىلەن تىترىمەس بىر تۈركىيە مەۋجۇت. ھەربىي ئۆزگىرىش باشلانغان ۋاقىتتىن ئېتىبارەن قارشى چىققان، ئۆلۈمنى كۆز ئالدىغا ئېلىپ توقۇنۇشقان شەرەپلىك ئەسكەرلىرىمىزگە، جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئاۋازىغا ئاۋاز قوشۇپ مەيدانلارغا چىققان ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا، شەھەر باشلىقلىرىغا، پارلامېنت بىناسىدا ئۈستىگە بومبىلار ياغدۇرۇلسىمۇ قىلچە قورقماي قارشىلىق كۆرسەتكەن پارلامېنت ئەزالىرىمىزغا، پىكىر ئوخشاشماسلىقنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ دېموكراتىيە كۈرىشىدە رولىنى جارى قىلدۇرغان مېدىيا خادىملىرىغا، ھەربىي ئىسيانغا قارشى خەلقنى كوچىلارغا چىقىشقا چاقىرىق قىلغان ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزگە، دۆلىتىمىزنى بىر ۋە تەك ۋۇجۇد ھالىغا كەلتۈرگەن سىياسىي پارتىيە لىدېرلىرىگە، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كۈچىنى نامايان قىلىپ كوچىلارغا چىققان، يوللارنى ئىگىلىگەن، تانكىلارنى توسۇپ توختاتقان بۈيۈك تۈرك مىللىتىگە تەشەككۈر بۇرچىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە ئۇلارنى تەبرىكلەيمىز .»

تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش گەرچە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، خەلق ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىقى توختىماي داۋام قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خەلق ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار كوچىلارغا چىقىپ، مەيدانلارغا توپلىنىپ، نامايىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەربىي ئۆزگىرىشكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.

مىللىي ئىرادە مۇنبىرى خەلقنى كوچىلارغا چىقىشقا چاقىرىق قىلىپ، «بىر ھەپتە مەيدانلاردا قالايلى، بىر ئۆمۈر زىندانلاردا ياتمايلى!» دېگەن چوڭ خەت يېزىلغان ئېلانلارنى تارقاتتى.

19- ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى يەنە مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان TGTV تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندى بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈردى. بۇ پائالىيەتكە مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ 160 تىن ئارتۇق ئەزا تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ رەئىس ۋە ياكى ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلىمۇ ئۇلارنى قوللاپ قاتناشتى.

160 تىن كۆپرەك ئاممىۋى تەشكىلات ۋە فوندلارنىڭ بىرلەشمىسى بولغان تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىنىڭ رەئىسى ھەمزە ئاقبۇلۇت، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ جان پىدا قىلىپ ۋەتەننى قوغدىغان مىللەتنىڭ، ياش، قېرى، ئەر - ئايال ۋە ئۆسمۈرلىرى يەنە بىر قېتىم ئۆز ئىرادىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەربىي ئۆزگىرىش ئىسيانىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا فوند رەئىسى ھەمزە ئاقبۇلۇت مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز 15- ئىيۇل كېچىسى چوڭ بىر ھەربىي ئۆزگىرىش ئىسيانىغا دۇچ كەلدى. مىللەتنىڭ مۈلكى بولغان قوراللار، دۈشمەنگە قارشى قوللىنىش كېرەك بولسىمۇ، دۆلىتىمىزگە، مىللىتىمىزگە قارشى قوللىنىلدى، قەتلىئام يۈرگۈزۈلدى، ھۆكۈمەتنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى. بۇ ئىسياننى قوزغاپ چىقىرىپ، ۋەتىنىگە، مىللىتىگە خىيانەت قىلغان بۇ زومىگەرلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە لەنەت ئوقۇيمىز.»

تۈركىيە ئارمىيىسى ئىچىدىن بىر گۇرۇپپا قوراللىق كۈچلەر 15- ئىيۇل تۈركىيەدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ئۆزگىرىش ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ھەر قايسى مۇھىم ئىدارە - جەمئىيەتلەردىن نەچچە يۈزلىگەن كىشى فەتقۇللاھ گۈلەن جامائىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىلىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

تۈركىيە ئا تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى چانكايا خىزمەت بىناسىدا ئىشلەيدىغان 257 مەمۇرىي خادىمنى، ھەربىي ئۆزگىرىشتە قولى بار دەپ قارالغان فەتقۇللاھ گۈلەن بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قاراپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان ۋە ئۇلارنىڭ كىملىك كارتىلىرى تارتىۋېلىنغان.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ 246 نەپەر دۆلەت مەمۇرىنى فەتقۇللاھ گۈلەن بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قاراپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. بۇلار ئىستانبۇلنىڭ سابىق ۋالىيسى ھۆسەيىن ئاۋنى مۇتلۇق قاتارلىق 30 ۋالىي، 46 ھاكىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى ئىدارىسى 492 كىشىنى فەتقۇللاھ گۈلەن بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ نەپەر ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇفتى، بىر نەپەر بۆلۈم باشلىقى، بىر نەپەر باش مەسلىھەتچى بار ئىكەن.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن پائالىيەتكە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋەكىلى خۇرشىدە خانىم ۋە جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.