تۈركىيە ھۆكۈمىتى، تۈركىيە - خىتاي دوستلۇق فوندى بىلەن تۈركىيە-خىتاي سانائەتچىلەر ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى تاقىۋەتتى
2016.07.27
7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاقشام تۈركىيە ئارمىيىسى ئىچىدىكى بىر گۇرۇھ ئارمىيە ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۈپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنى «گۈلەن ھەرىكىتى» بىلەن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۈگۈنگىچە 10 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنى تۇتقۇن قىلدى، 45 مىڭ ئەتراپىدا دۆلەت خىزمەتچىسىنى ئىشتىن توختىتىپ قويدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى «فەتھۇللاھ گۈلەن ھەرىكىتى» بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارالغان دوختۇرخانا ۋە شىپاخانىدىن 35 نى، يەسلى، باشلانغۇچ، تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن 934نى، ئوقۇغۇچىلار ياتاقخانىسىدىن 109 نى، ۋەقىپتىن 104، جەمئىيەتتىن 1125 نىۋە 15 ئۇنىۋېرسىتېتنى تاقىۋەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەركىزى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق تۈركىيە-خىتاي دوستلۇق فوندى بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە-خىتاي سانائەتچى ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتىمۇ بار ئىكەن. تۈركىيە-خىتاي دوستلۇق ۋەقپى 2009-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكى بىلەن ھەمكارلىشىپ نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى. ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلىۋاتقان ئوقۇش ياردەم پۇلىنىمۇ مەزكۇر فوندىنىڭ قولى بىلەن تارقاتقان ئىدى.
بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى ۋە ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە-خىتاي دوستلۇق فوندى بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە-خىتاي سانائەتچى ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتىنى تاقىۋېتىشتىكى سەۋەبنىڭ «گۈلەن ھەرىكىتى» بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىدىن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ۋەقىپ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا پۇل تارقىتىشىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.
قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى بۇرۇن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن بىر كومىتېت قۇرغانلىقىنى، كېيىن تۈركىيە-خىتاي ۋەقپى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئۆزلىرىگە تارتىۋالغانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى تۈرك-خىتاي دوستلۇق ۋەقپى بەزى تۈركلەرنى ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق، تۈرك خەلقىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى تۈرك-خىتاي سانائەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا كىشىلەرنىڭ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇشقا تىرىشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان «گۈلەن ھەرىكىتى»گە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن تاقىۋەتكەن بولۇشى ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
7-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركىيەدە ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت 3 ئايلىق ئالاھىدە ۋەزىيەت ئېلان قىلىپ، بۇ ھەرىكەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان كىشىلەرنى سوتلىماقتا، دۆلەت كادىرلىرىنىڭ چەتئەلگە ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋىلايەتنىڭ سىرتىغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايۋاتقان بولسىمۇ، خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى نورمال داۋاملاشماقتا.