15-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە ئارمىيەسى ئىچىدىكى بىر ئوچۇم قوماندان ۋە ھەربىي تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغاندا، خەلق كوچىلارغا چىقىپ تانكىلارنىڭ ئالدىدا يېتىۋېلىپ، ئەنقەرەنىڭ قازان رايونىدىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۇچىدىغان ھاۋا ئارمىيەسىگە بېسىپ كىرىپ جېنىنى تىكىپ توسۇشقا تىرىشقان ئىدى. 12 سائەت داۋاملاشقان، 238 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان، 2197 كىشى يارىدار بولغان «بۇ ۋەقەنى كىملەر توسۇۋالدى ۋەقەدە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل نېمە دەپ قارايسىز، «سىزنىڭچە بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشنى توختىتىۋېلىشتا قايسى كۈچ مۇھىم دەپ قارايسىز.؟، بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ مەغلۇپ قىلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب-ئامىل نېمە دەپ قارايسىز؟»، دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارنى سورىدۇق.
بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈرك ئاممىسى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
بۇ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنۇشنى كىم توستى دېگەن سوئالىمىزغا تۈرك خەلقى تۆۋەندىكىدەك جاۋابلارنى بەردى:
-خەلق بىلەن دۆلەت رەئىسىمىز توسۇۋالدى.
-خەلق توسۇۋالدى. ئاللاھ رازى بولسۇن خەلقىمىزدىن.
-ۋەتەنداشلار توسۇۋالغان بولسا، ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن توسۇۋالدى. بۇ ۋەتەن بىزنىڭ، بۇ يەردە ھەممىمىز بىرلىكتە ياشايمىز. ۋەتىنىڭ بولمىسا ئىبادەتمۇ قىلالمايسەن، تاپاۋىتىڭمۇ بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ۋەتەن.
-خەلق توسۇۋالدى. مەن يارىدار بولدۇم ئۇ كۈنى. بۇ ۋەتەن ھەممىمىزنىڭ، ۋەتەن ئۈچۈن زۆرۈر بولسا جېنىمىزنى بېرىمىز.
-ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى خەلق توسۇۋالدى.
-مەنچە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى خەلق توسۇۋالدى. ھەممىمىز بەك قورقۇپ كەتتۇق. خەلق كوچىلارغا چىقىشىغا ھەممە ئىش يولىغا كىردى.
-خەلق توسۇۋالدى. ھەممە غەلىبىنى خەلق قولغا كەلتۈردى. شۇڭا ھەممە غەلىبە خەلققا مەنسۇپ. ئەلۋەتتە دۆلەت رەئىسىمىزنىڭمۇ تۆھپىسى كۆپ.
-مىللىتىمىز، بىزلەر، بىز بولمىغان بولساق ھازىر بۇ يەردە بولماستۇق ئەلۋەتتە.
-دۆلەت رەئىسىمىز توسۇۋالدى. ئۇنىڭ يوليورۇقى بىلەن خەلق توسۇۋالدى. خەلق ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى بىر كۈچكە ئايلاندى.
-مىللىتىمىزنىڭ ئىرادىسى توسۇۋالدى. پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىقتى، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بىز ھازىر ناھايىتى خۇشال ناھايىتى بەختلىك، مىللىتىمىزگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
-ساقچىلىرىمىز، سىياسەتچىلىرىمىز خەلقىمىزنى قوللىدى. ھەممىمىز بىرلىكتە دۆلىتىمىزنى قوغداپ قالدۇق.
15-ئىيۇل كۈنى ئاقشام تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ھەربىي ئۆزگىرىشنى كىملەر توسۇۋالدى دېگەن سوئالىمىزغا يەنە بىر كىشى مۇنداق جاۋاب بەردى:
-ئالدى بىلەن دۆلەت رەئىسىمىزنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئۇلۇغ تۈرك مىللىتى كوچىغا چىقىپ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بارغانلارنى توختاتتى. بۇ يەردە ئالاھىدە قوراللىق قىسىمنىڭ تۆھپىسى زور بولدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا خەلق توسۇۋالدى.
-كىم توسۇۋالدى؟ خەلق توسۇۋالدى. خەلق بولمىسا دۆلەت بولمايدۇ. دۆلەت بولمىسا خەلق بولمايدۇ.
بىز بۇ سوئالنى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىنمۇ سورىدۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى تۈرك خەلقىنىڭ مەغلۇپ قىلغانلىقىنى، خەلقنىڭ دېموكراتىيىگە، ئەركىنلىككە بولغان ساداقىتىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى تۈرك ئارمىيىسىگە سىڭىپ كىرىۋالغان فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، ھازىرغىچە 70 مىڭ ئەتراپىدا كىشى دۆلەت كادىرلىقىدىن ئېلىپ تاشلاندى، 12 مىڭ ئەتراپىدا كىشى تۇتقۇن قىلىندى. بۇلار سوتلانماقتا. گۈناھسىز دەپ قارالغانلار قويۇپ بېرىلمەكتە. بۇنداق كۆپ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن تۈپەيلى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى تۈركىيەنى تەنقىد قىلماقتا.