تۈركىيەنىڭ گازىئانتەپ شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 54 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

0:00 / 0:00

17-ئاۋغۇست كۈنى ۋاندا، 18-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەن ئەلازىغ ۋىلايىتىدە، چۈشتە بىتلىس ۋىلايىتىنىڭ ھىزان ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىنلا 20-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان مۇھىم سانائەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان غازىئانتەپتە توي مۇراسىمىغا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمدا 54 كىشى قازا تاپتى، 94 كىشى يارىدار بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن 17 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك مۇخبىرلار ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، غازىئانتەپنىڭ شاھىنبەي رايونىدا بىر توي مۇراسىمى جەريانىدا 12، 14 ياشلاردىكى بىر بالىنىڭ بەدىنىگە تېڭىلغان بومبىنىڭ پارتلىشى ياكى پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە دەسلەپتە 94 يارىدار بار ئىدى، ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان يارىدار 69، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 17 سىنىڭ ئەھۋالى بەكلا ئېغىر. 53 كىشى قازا تاپتى. ۋەقە تۈركىيەنىڭ ۋان ۋە سىرت ۋىلايىتىدىن كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان بىر جايدا مەيدانغا كەلدى.»

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا تۈركىيە ج خ ئىدارىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمنى دەمەشق ئىراق ئىسلام دۆلىتى تېررور تەشكىلاتىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدىكى گۇماننىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە ۋالىيلىق ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىدە دەسلەپكى گۇمانىمىز، بۇ دائىش ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكى ھەققىدە بولدى. كېيىنكى كۈنلەردە بۇ تېررور تەشكىلاتى گازىئانتەپ ۋىلايىتىمىزدە تەشكىللىنىشكە تىرىشىۋاتاتتى. بىز داۋاملىق بۇلارغا قارىتا ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ باردۇق ۋە بۇندىن كېيىنمۇ ئېلىپ بارىمىز. مەن بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان يۇرتداشلىرىمنىڭ ئائىلىسىگە سەۋر تىلەيمەن.»

تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونىغا جايلاشقان گازىئانتەپ شەھىرى شاھىنبەي رايونىدا تويغا قاتناشقان 250 ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئارىسىغا بەدىنىگە بومبا تېڭىلغان بالىنى ئېلىپ كىرىپ قويۇپ، ئۇزاققا كېتىپ تۇرۇپ، ئۇزاقتىن تېزگىنەك بىلەن پارتلاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ ئېلىپ بېرىلىش شەكلىگە قاراپ تۇرۇپ مۇتەخەسسىسلەر دائىش تېررور تەشكىلاتىنىڭ قىلغان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

تۈركىيەدە بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە ئارقا-ئارقىدىن بۇنداق تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ تۈركىيە ج خ ئىدارىلىرى ئىلگىرى سۈرگەندەك، بۇ دائىش تېررور تەشكىلاتى ئېلىپ بارغان ھۇجۇممۇ؟ كۆپى 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردىن تەركىب تاپقان 54 كىشى قازا تاپقان قەتلىئامنى تويدا ئېلىپ بېرىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

تۈركىيە ج خ ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، 20-ئاۋغۇست كۈنى ئاقشام گازىئانتەپتە بىر توي مۇراسىمىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى پارتلىتىش ھۇجۇمى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەنقەرە پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن، 109 كىشى قازا تاپقان، 500 كىشى يارىدار بولغان تېررورلۇق ھۇجۇم بىلەن 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى شانلىئۇرفا ۋىلايىتىنىڭ سۇرۇچ ناھىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن 34 كىشى قازا تاپقان، 104 كىشى يارىدار بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئوخشايدىكەن. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئەنقەرە ۋە سۇرۇچتا يۈز بەرگەن ئىككى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى دەمەشق ئىراق ئىسلام دۆلىتى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى جەزملەشكەن ئىدى.