تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىيانەتچىلىككە چېتىلىپ قالغان 3 نەپەر ئىچكى كابېنت مىنىستىرى، ئۆكتىچىلەرنىڭ شۇنداقلا تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا چىدىيالماي، چارشەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئارقىدىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمەت كابېنتىنى يېڭىدىن تەرتىپكە ئالدى.
ئەردوغان ھۆكۈمىتى 11 يىلدىن بېرى تۈركىيەنى سوراۋاتقان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ پاك پارتىيەلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. 17-دېكابىر كۈنى 3 مىنىستىرنىڭ ئوغلىنىڭ خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇقلىنىشى، مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئوبرازىغا قاتتىق زەربە بەردى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پەيشەنبە كۈنى ئىچكى كابنېتنى تەرتىپكە سېلىپ، 10 نەپەر مىنىستىرنى ئالماشتۇردى. خىيانەتچىلىككە چېتىشلىق ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىر ئەگەمەن باغىش ئىستېپا بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئەردوغان ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەردىن بىرى بولغان مەمدۇھ چاۋۇشوغلۇنى ئالماشتۇردى. مەمدۇھ چاۋۇشوغلۇنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى مەزگىلىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ھەيئەت زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى سۇنغان ئىدى.
يېڭى تەيىن قىلىنغان ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەك ئەپەندى، 2009-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە تۈرك دۇنياسى شەھەر باشلىقلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتۈگەن كىشىلەردىن بىرى بولۇپ، تۈرك دۇنياسىنى جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەردىن بىرى. باش مىنىستىر مۇئاۋىنى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئەمرۇللاھ ئىشلەر ئەپەندىمۇ، بىر نەچچە قېتىم د ئۇ ق ھەيئىتى بىلەن ئۇچرىشىپ مەلۇمات ئالغان، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەردىن بىرى. ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت مىنىستىرى ئايشەنۇر ئىسلام خانىممۇ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە بۈگۈنكى مەسىلىلىرىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەردىن بىرى. قاتناش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن لۈتفۈ ئەلۋان ئەپەندى، ئىككى ئاي بۇرۇن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، ئىلھام ماھمۇت ۋە خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەلۇمات ئالغان ئىدى.
ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مىنىستىرلىقلاردىن بىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، چۈنكى تۈرك پۇقرالىقىغا ئۆتۈش، تۈركىيەدە قانۇنلۇق تۇرۇش كىنىشكىسى ئېلىشقا ئوخشاش ئىشلار بۇ مىنىستىرلىقتا بېجىرىلىدۇ. بۇ مىنىستىرلىققا 2007-يىلىدىن تارتىپ باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەفكان ئەلا ئەپەندى تايىن قىلىندى. ئەفكان ئەلا ئەپەندى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى مەزگىلىدە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىغان، د ئۇ ق ھەيئىتىنىمۇ مىنىستىرلىقتىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان كىشى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى كابېنتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرى بولار؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىكى بۇ كرىزىس، 17-دېكابىر ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى زافەر چاغلايان، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھاممەر گۈلەر، مۇھىت ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى مىنىستىرى بايراقدارنىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە تۈركىيە خەلق بانكىسىنىڭ مۇدىرى سۇلايمان ئاسلاننى خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئېلىشى بىلەن پارتلىدى. بۇ ۋەقە تۈركىيە قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە.