«تۈركىيەنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيەسىنىڭ 1-نۆۋەتلىك سۆھبەت يىغىنى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى پۇرسەتلەر، خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيەسىنىڭ 19-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش» ماۋزۇلۇق يىغىننىڭ چاقىرىلىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
28-دېكابىر كۈنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرەدىكى مەركەز بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتكە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى مەھدى ئەكەر ئەپەندى، خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى خۇ چاڭشېڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.
ئانادولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 28-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى مەھدى ئەكەر ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشىنىڭ دۇنياۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نى قوللايدىغانلىقى، ياۋرو-ئاسىيانىڭ زور بىر قىسمىنى قاپلىغان بۇ يولنىڭ رايوننىڭ ئىقتىسادىي، تىجارەت، مەدەنىيەت ۋە بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئارقىدىن خىتاي ھەيئىتىنىڭ باشلىقى خۇ چاڭشېڭ خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى، تۈركىيە ئادالەت پارتىيەسىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا 2018-يىلىنىڭ خىتايدا تۈركىيە ساياھەت يىلى ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ساياھەت خىزمەتلىرىگە تۆھپە قوشۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيەسى تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە ئۆزلىرىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. بۇ پائالىيەتنى «بىرىنچى نۆۋەتلىك» دەپ ئاتىغانغا قارىغاندا، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيەسىنىڭ تۈركىيەدە بۇنداق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى رېشات دوغرۇ ئەپەندى، ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى تور گېزىتى مەسئۇلى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سابىق پارلامېنت ئەزاسى رېشات دوغرۇ ئەپەندى تۈركىيەدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتساق ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ خىل يېقىنلىشىشنىڭ پايدىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ھەممە ئىنساننىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. بىزنىڭ بىلىشىمىزچە بۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنىشقا تىرىشىلىۋاتىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. ئەلۋەتتە دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ تراگېدىيەگە قارىتا بىرلىشىشى خىتايغا قارشى بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك. مېنىڭ ئىگىلىشىمچە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ دىئالوگ يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان تراگېدىيەسى كۈن تەرتىپكە كەلمەپتۇ. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، تۈرك خەلقىنىڭمۇ مەسىلىسىدۇر.»
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇندىن 15 يىل بۇرۇنمۇ خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيەسىنىڭ تۈركىيەدىكى باشقا بىر سىياسىي پارتىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشقانلىقىنى، كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن دىنىي بىر پارتىيەنىڭ بۇنداق يېقىنلىشىشىنىڭ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە بۇنىڭ خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى بولسا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيەلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل دىئالوگلارنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيەسىنىڭ تارىختا ھېچ قاچان تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن بۇنداق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغانلىقىنى، ئەمما بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆزىنى ئەنسىزلىككە سېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيەسىنىڭ يېقىنلىشىشىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيەدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيەنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى نەتىجىسىدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆتكۈنچى بىر ئىش ئىكەنلىكى، ئەگەر خىتايدىن كۈتكەن مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن تەقدىردە خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش سىياسىتىنىڭ كۈتكەن سەۋىيەگە يېتەلمەيدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
0:00 / 0:00