خىتاي ماللىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا جىددىي ھالەت پەيدا قىلدى

تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي ماللىرى مىللىي سانائىتىمىزنى يوق قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، پارلامېنتنى خىتاي ماللىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.01.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
parlament-ezasi-lutfu-turkqan-ependi_305.png مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان
RFA/Erkin Tarim


مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا پارلامېنت ئەزاسى خىتاي ماللىرىنىڭ يەرلىك سانائەتنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان بۇ تەكلىپتە، ئەگەر تەدبىر ئېلىنمىسا، خەلققە خىتاي مېلىنى ئىستىمال قىلماسلىق ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلمىسا، يېقىن كېلەچەكتە مىللىي سانائىتىمىز ۋە بەزى سانايى بويۇملارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان زاۋۇتلار يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچار بولىدۇ دېيىلگەن. جەنۇبىي ئاسيا دۆلەتلىرى ۋە خىتايدىن ئېمپورت قىلىنىۋاتقان ۋە قانۇنسىز يوللار بىلەن ئېلىپ كىرىلىۋاتقان سانائەت بويۇملىرىنىڭ كۆپىنىڭ يەرلىك ماللارغا قارىغاندا ئەرزان ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن بۇ تەكلىپتە، تۈرك ھۆكۈمىتىنى خىتاي ماللىرىنىڭ ئېمپورت قىلىنىشىغا قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىلغان.

خىتاي سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۈنسايىن كۆپلەپ ئېمپورت قىلىنىشى تۈرك كارخانىچىلىرىنى داۋاملىق تۈردە بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى، ئۇنداقتا تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەدبىر ئېلىش ئارقىلىق خىتاي ماللىرىنىڭ تۈركىيىگە ئېمپورت قىلىنىشىنى توسۇۋالالامدۇ؟ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن تۈركىيە بىلىم، تېخنولوگىيە ۋە سانائەت مىنىستىرى نىھات ئەرگۈن ئەپەندى، تۈرك خەلقىنى ئىنسان ھەق ۋە ھۇقۇقىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىستىمال قىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى. بۇ خىل باياناتلار خىتاي ماللىرىنىڭ تۈركىيىگە كىرىشىنى توسۇپ قالالامدۇ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن سودا مۇتەخەسسىسى ئابدۇرىشىت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.