ئىستانبۇلدا «خىتاي مەدەنىيىتى ۋە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ توپكاپى سارىيى مۇزېيخانىسىنىڭ «خاس ئاخر» كۆرگەزمە زالىدا «خىتاي خەزىنىلىرى» ناملىق كۆرگەزمە ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن «خىتاي مەدەنىيىتى ۋە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

توپكاپى سارىيىدىكى «خاس ئاخر» دېگەن زال ئەسلىدە ئوسمانلى دەۋرىدە ئات باقىدىغان ئېغىل بولۇپ ھازىر بۇ ئېغىلدا «خىتاي خەزىنىسى» دېگەن نامدا خىتايلارنىڭ تارىخى ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنماقتا. بۇ يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئورۇن ئىستانبۇلدىكى «گۈلخانا باغچىسى» دىكى ئىسلام بىلىم ۋە تېخنىكا مۇزېيىغا قاراشلىق ئورۇن ئىكەن. خىتايلار كۆرگەزمە ئېچىش ئۈچۈن ئورۇن تەلەپ قىلغاندا تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ئورۇن بېرىلگەن.

«خاس ئاخر» زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىننى تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى بىلەن خىتاي دۆلەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. بۇ يىغىنغا تۈركىيىنىڭ ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى بىر قىسىم تارىخچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار شۇنداقلا خىتايدىن كەلگەن تارىخ تەتقىقاتچى خىتايلار قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن توپكاپى سارىيى مۇزېيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئائىشە ئەردوغدۇ خانىم «توپكاپى سارىيىدىكى خىتاي چىنە-قاچىلىرى مەجمۇئەسى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. يىغىنغا ئىستانبۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور ئەخمەت ئەمرى بىلگىلى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا يەنە ئىستانبۇل مىمارسىنان گۈزەل سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل،«قەدىمى دەۋردىكى تۈرك-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» دېگەن تېمىدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور مەلەك ئۆزيەتكىن خانىم، «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆججەتلىرىدە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى» دېگەن تېمىدا، بوزۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور گىراي فىدان ئەپەندى، «ئوسمانلى دەۋردە تۈرك-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈمىدە شاڭخەي ۋە شەنشىدىن كەلگەن ئارخېئولوگ ۋە تارىخچى جۇڭ ۋېشىڭ، ما جىنخوڭ قاتارلىق تۆت خىتاي مۇتەخەسسىس سۆز قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى يىغىننى خۇلاسىلىدى.

خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى قەيەردە؟ تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلار، خىتايلار بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناش تەكلىپىنى خىتايلار قوبۇل قىلامدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى قانداق؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىندا سۆز قىلغان پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى تۈركلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر پارچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى مۇھىم تارىخى بار بىرى، موڭغۇلىستاندىكى ئۆتۈكەن ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتىلىدىغان بوزقۇرت جۇغراپىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، يەنە بىرى خىتاينىڭ غەربىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بەك مۇھىم. ئەسلىدە ئۇلار ئارىمىزدا كۆۋرۈككە ئوخشايدۇ. ئۇيغۇرلار تۇنجى بولۇپ كۆچمەن ھاياتتىن يەرلىشىش ۋە شەھەرلىشىش ھاياتقا ئۆتۈپ، تۈركلەرگە كۆپلىگەن مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ ئادەت تەقدىم قىلدى. ئەسلىدە ئۇيغۇر تارىخى مەنىۋى قىممەتكە ئىگە بىر تارىخ ۋە تۈرك تارىخىنىڭ ئەڭ گۈزەل قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلىنىۋاتىدۇ، مەن بۇنىڭغا قوشۇلمايمەن، چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئالدىغا قەدىمى بىر مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ ئادەتكە ئىگە خەلق. ئۇيغۇرلار، تۈركلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل جەلپ قىلارلىق تارىخىنى ياراتتى. ئۇلار مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە كۆپلىگەن نەرسىلەرنى كەشىپ قىلغان خەلق، بۇنى كۆپرەك ئاڭلىتىش كېرەك. بۈگۈن قارايدىغان بولساق ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان، قۇمۇلدىن قەشقەرگىچە، يەكەن، خوتەن، چەرچەن، كۇچا، ئاقسۇ قاتارلىق پۈتۈن شەھەرلەردە ئۇيغۇرلار ياشىماقتا ۋە بۇ شەھەرلەردە ئوخشىمىغان قىممەتلىك مەدەنىيەتلەرنى ئومۇملاشتۇردى.»

پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى، «خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى قانداق؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە تۈركىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا سىياسىي جەھەتتىن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى جەھەتتىن قاراش كېرەك. مۇھىم بولغىنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۆز مىللىي-ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ياشىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ئېرىشكەن ھالدا خاتىرجەم ياشىشى لازىم. تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.»

پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى، «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«مەن بۇلارنى سۆزلىمىسەممۇ ئۇ يەردە بېسىم بولۇۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت. ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن ياخشى ئەمەس.»

پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى، «تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلار، خىتايلار بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناش تەكلىپىنى خىتايلار قوبۇل قىلارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بۇنى قوبۇل قىلىشى قىيىن ئەمما قوبۇل قىلىشى كېرەك، ئۇيغۇرلارنى ئەركىن ياشاتماق كېرەك.»

پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى، «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا باشقا دېمەكچى بولغان سۆزىڭىز بارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«مەن ئۇيغۇرلارنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كېلەچەكتىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ داۋام قىلىشى ھەممىدىن مۇھىم. ئۇلار خۇشال ھاياتقا ئېرىشكەن ھامان بىز ئۆزىمىزنى بەختلىك ھېس قىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار سەگەك بولۇشى ۋە ھايات ياشىشى كېرەك.»