خىتاي تۈركىيەدە دوست ئىزدىمەكتە

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىش باھانىسى بىلەن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا دىنىي بېسىمنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر تۈركىيە جامائەتچىلىكى ئىچىدە غۇلغۇلا پەيدا قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، تۈركىيەدىكى خىتاي دىپلوماتلار تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىپ، دوست ئىزدىمەكتە.

تۈركىيەنىڭ ئايدىن شەھىرىدىكى www.aydindenge.com.tr ناملىق تور گېزىتىدە ناجى ئېرىش ئەپەندى يازغان خەۋەردە، خىتاي دۆلىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى زېڭ شىيەنليۇ بىلەن خىتاي گەنسۇ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ شۈەنپىڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى ئۆمەر فارۇق قوچاق ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، قېرىنداش شەھەر بولۇش تەكلىپىنى يەتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە ۋالىي ئۆمەر فارۇق قوچاق ئەپەندىنىڭ، دىپلوماتىيەلىك يوللار ئارقىلىق بۇنداق بىر تەلەپ كەلسە، بۇ تەلەپنى خۇرسەنلىك بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى يېزىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىن كەلگەن 12 كىشىدىن تەركىب تاپقان مەزكۇر ھەيئەت، ئايدىن ۋىلايەتلىك تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسى بىلەن كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسىنىمۇ زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇ ئۇچرىشىشلاردا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ ئايدىن شەھىرى بىلەن قېرىنداش شەھەر بولۇش تەلىپىنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي گەنسۇ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ شۈەنپىڭ بۇ ئۇچرىشىشتا سۆزىنى «سالامۇئەلەيكۇم» دەپ باشلىغان. ئۇ، بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتىدىكى مەقسىتىنىڭ ئايدىن شەھىرى بىلەن لەنجۇ شەھىرىنى قېرىنداش شەھەر ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى، لەنجۇنىڭ يىپەك يولى بويىغا جايلاشقان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر شەھەر ئىكەنلىكى، ئايدىن بىلەن لەنجۇ قېرىنداش شەھەر بولسا، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زور پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇچرىشىش ئاخىرىدا خىتايلار، ئايدىن ۋالىسى ئۆمەر فارۇق قوچاق ئەپەندىنى 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە لەنجۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ساياھەت ۋە تىجارەت يەرمەنكىسىگە تەكلىپ قىلغان.

بىز بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئايدىن ۋالىسى ئۆمەر فارۇق قوچاق ئەپەندىگە تەلىپىمىزنى يەتكۈزگەن بولساقمۇ جاۋاب ئالالمىدۇق.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا خىتاينىڭ مەزكۇر تەلىپى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق يەتكۈزۈلسە ۋە ئايدىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرى مۇزاكىرە قىلىپ قوبۇل قىلسا، مەزكۇر ئىككى شەھەرنى قېرىنداش شەھەر ئېلان قىلىنىدىكەن.

ئۇنداقتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقى تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، جامائەتچىلىك ئارىسىدا نارازىلىق ئىنكاسلىرى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدە دوست شەھەرلەرنى ئىزدىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر خەۋەر تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى قېرىنداش تۈرك خەلقىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەدىن دوست ئىزدەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاي دۆلىتى 1990-يىللاردىن باشلاپلا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى شەھەرلەر بىلەن خىتايدىكى شەھەرلەرنى دوست شەھەر ئېلان قىلىش پىلانىنى يولغا قويغان بولۇپ، ھازىرغىچە بەزى شەھەرلەر بىلەن قېرىنداش شەھەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى نەتىجىسىدە بەزى شەھەرلەر بىلەن دوست شەھەر بولۇش نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. بۇلاردىن بىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەيسەرى شەھىرىدۇر. بۇندىن 25 يىل بۇرۇن خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىنىڭ دوست شەھەر بولۇش تەلىپىنى قەيسەرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شەھەر باشلىقى نىيازى باخچەچىئوغلۇ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى بار دۆلەتنىڭ شەھىرى بىلەن قېرىنداش شەھەر بولمايمىز دەپ رەت قىلغان.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئالدىنقى پىلانغا قويۇۋاتقانلىقىنى، غەرب ئەللەرنىڭ قىممەت قارىشى بولغان ئىنسان ھەقلىرىگە سەل قارىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزلىرىنىڭ تارىختىكى ئاتا يۇرتى دەپ قارايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئورتاق نارازىلىق بىلدۈرسە، خىتاينىڭ تۈركىيە شەھەرلىرى بىلەن قېرىنداش شەھەر بولۇشىنى توسۇپ، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەھەرلەر بىلەن قېرىنداش شەھەر بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە چوڭ-كىچىك بولۇپ 80 ئەتراپىدا شەھەر بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 16 شەھەر خىتاينىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى بىلەن دوست شەھەر بولغان. 2016-يىلى بولسا تۈركىيەنىڭ گازىئانتەپ شەھىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى دوست شەھەر بولغانلىقىنى جاكارلىغان.