مۇتەخەسسىسلەر: «ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەل بولماي تۇرۇپ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلالمايدۇ»

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بېرى،بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى 15-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى كۈچىيىشكە باشلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى خىتاي خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور دوڭ مەنيۇەن تۈرك ئاخباراتىغا بەرگەن باياناتىدا تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈچۈن ياخشى بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يېڭىدىن پارتىيە باشلىقى بولۇپ سايلانغانلىقى، ئاساسىي قانۇن رېفېرېندۇمى، پارلامېنت تۈزۈمىدىن پرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئۆتۈشى تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. دۆلەت رەئىسىمىز شى جىنپىڭنىڭ تەبرىكىنىمۇ ئۆزىگە يەتكۈزدۈم. تۈركىيەدىكى تۈزۈم ئۆزگىرىشىنى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەكسىچە، بىز خىتاي دۆلىتى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز» دېگەن.

ئىستانبۇلدا 22-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك تۈركىيە-خىتاي مۇنبىرىدىمۇ ئاساسەن تۈركىيەدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. تۈركىيە ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى خىتاي خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى بىر باسقۇچتىكى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، پۇرسەتلەر ۋە خىرىسلار» ماۋزۇلۇق يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى سۇلايمان شەنسوي ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىدا، «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا رىقابەتلەر باشلانغان بىر مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ خىتاي ئۈچۈن ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان بىر شېرىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ نۇتقىدا، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ كۈنسايىن زورىيىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭمۇ يىغىندا ئالاھىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى خىتاي خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور دوڭ مەنيۇەن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇندىن كېيىن كۈنسايىن كۈچىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ۋە تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلمىگەن.

راستىنىلا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى كېلەچەكتە كۈچلىنەرمۇ؟ 2-نۆۋەتلىك تۈركىيە-خىتاي مۇنبىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مەخسۇس تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟ خىتاي دۆلىتىنىڭ تۈركىيەدىكى تۈزۈم ئۆزگىرىشلىرىنى قوللىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىرى بولار دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك ئاسىيا ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتى خىتاي تەتقىقات ئىشلىرى مەسئۇلى ئوسمان ئورخان ئەپەندىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ توردىكى مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىشىمىز كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ھازىرقى ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولسا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سىقىپ چىقىرىۋېتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش سىياسىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى تۈرك خەلقىگە ياخشى ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدىكى گېلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى ئوقۇتقۇچىسى قۇتاي قاراجا ئەپەندى بۇ خىل يىغىنلاردا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى تىجارەت تەڭپۇڭسىزلىقلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ كۈنسايىن زورىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىر ھەقىقەت بار، 2016-يىلى تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت تەڭپۇڭسىزلىقى 22 مىليارد دوللار. بۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە. چۈنكى تۈركىيەنىڭ تىجارەت سوممىسىنىڭ بەشتىن بىرى خىتاي بىلەن بولۇۋاتىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىز خىتايدىن 24 مىليارد دوللارلىق مال ئېلىۋاتىمىز. خىتايغا ئاران 2 مىليارد دوللارلىق مال سېتىۋاتىمىز. تىجارەتتە زىيان تارتىۋاتىمىز. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي تۈزىتىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىۋاتىدۇ ئەمما ۋەدىسىدە تۇرمايۋاتىدۇ. مەنچە بۇنى تۈزەتمەي تۇرۇپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلمايدۇ دەپ ئويلايمەن.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 2-نۆۋەتلىك «تۈركىيە-خىتاي مۇنبىرى» ماۋزۇلۇق يىغىنغا ئوخشاش يىغىنلارنىڭ سىياسىي يىغىن ئىكەنلىكىنى، ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى ئەمەسلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر بارلىقىنى بۇلارنى ھەل قىلماي تۇرۇپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور قۇتاي قاراجا ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقى»نى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن نۇتۇقلىرىمدا، دوكلاتلىرىمدا ۋە ماقالىلىرىمدە شۇنى ئوچۇق قىلىپ يېزىۋاتىمەن. ئوتتۇرا شەرقتە پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، تىنچلىق بەرپا قىلغىلى بولمىغاندەك، تۈرك-خىتاي مۇناسىۋىتىدىمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، توغرا بىر تاشقى سىياسەت ئورناتقىلى تۈرك-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغىلى بولمايدۇ».

22-ماي كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «2-نۆۋەتلىك تۈركىيە-خىتاي مۇنبىرى» ماۋزۇلۇق يىغىندا، خەۋپسىزلىك ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى، مەبلەغ سېلىش، ئاساسىي قۇرۇلۇش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئېنېرگىيە، سۇ ۋە يېمەك-ئىچمەك خەۋپسىزلىكى، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق تېمىلاردا ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلگەن. ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ماقالە ئوقۇلمىغان.