تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى تارتقان ئىدى. چۈنكى بۇ زىيارەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇنداقتا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا نېمىلەر بولدى؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەشنى خالىسىڭىز تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «خابەر تۈرك» گېزىتىدە 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىنغان «خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ئوبزورنى ئاڭلاڭ.
رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭغا بارغان نىھال بەنگىسۇ قاراجا خانىم بېيجىڭدا تۇرۇپ يازغان ئوبزورىدا، جۇمھۇر رەئىسىنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ:
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ 3 مەقسىتى بار ئىدى. 1. ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدىغان گ 20 دۆلەتلىرى يىغىنىغا خىتاي دۆلەت رەئىسىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق خىتايغا بەرگەن ئەھمىيىتىنى ئىپادىلەش ۋە كېلەر قېتىمقى 20 دۆلەت يىغىنىغا خىتاينىڭ ساھىبخانىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش. 2. تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىق سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈش. 3. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تېخىمۇ توغرا قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش.
ئوبزورچى نىھال بەنگىسۇ قاراجا خانىم ئوبزورىدا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئۆزئارا ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىككى دۆلەت. تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىچىدە تەسىرلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. خىتاي، تۈركىيەگە تىجارەت جەھەتتىن يوشۇرۇن كۈچ دەپ قارايدۇ. خىتايدىن مىلياردلىغان دوللارلىق مال سېتىۋېلىۋاتىمىز، خىتايغا سېتىۋاتقان مېلىمىز بەكلا ئاز.
مەن سۆزلەشكەن بەزى تۈرك كارخانىچىلار بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىش بېجىرىش كۈلتۈرى ۋە كارىخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما خىتاي تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا قىزىقىدۇ. ھەتتا خىتاي ھازىر مەبلەغ سېلىشقا باشلاپ بولدى.
ئۇ، «خابەر تۈرك»گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدا خىتاي تۈركىيەگە سالغان مەبلەغلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
يېقىندا خىتاي تۈركىيە توقۇمىچىلىق بانكىسىنىڭ 75% لىك پاي چېكىنى 670 مىليون دوللارغا سېتىۋالدى. تۈركىيە رەھبەرلىرى بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى جەھەتتىن بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
نىھال بەنگىسۇ خانىم ئوبزورىدا تۈركىيە رەئىس جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
رەئىس جۇمھۇرى ئەردوغاننىڭ 28-ئىيۇل كۈنى باشلىغان زىيارىتىدە مۇھىم قەدەملەر تاشلاندى، يېقىن كەلگۈسىدە مېۋە بېرىدىغان توختامنامىلەر تۈزۈلدى.
بىرىنچىسى «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا مەبلەغ سېلىشىغا رىغبەتلەندۈرۈش توختامنامىسى»، ئىككىنچىسى، «ئىقتىسادىي ۋە تىجارەت ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات پىلانى توختامنامىسى»، ئۈچىنچىسى، ئەڭ مۇھىمى بولسا «باش مىنىستىر مۇئاۋىنلىرىدىن تەركىب تاپقان ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدىكى توختامنامە». بۇنىڭدىن باشقا يەنە سەھىيە، مائارىپ ۋە تېخنولوگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرىنىڭ داۋاملىق ھالدا ئۇچرىشىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدىمۇ سۆز بولدى،
رەئىس جۇمھۇرى ئەردوغان 170 مىڭ كىشى ئىشلەيدىغان خۇاۋېى شىركىتى بىلەن تۈركسەل ناملىق تېلېفون شىركىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن توختامنامىنىڭ كېلەچىكى پارلاق بىر توختامنامە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
كىشىلەر خىتاينىڭ ئالدىمىزدىكى 15-20 يىل ئىچىدە دۇنيانىڭ مۇھىم دۆلەتلىرى قاتارىغا ئۆتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. ئەمما تىل مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى. شۇڭا تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئەردوغان تۈركىيەدە قۇرۇلغان تۈركىيە-ياپونىيە ئورتاق ئۇنىۋېرسىتېتى، تۈركىيە-گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، تۈركىيە-قىرغىزىستان ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش تۈركىيە-خىتاي ئورتاق ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا قىزىقتى. ئەمما ھازىرچە ئەڭ مۇھىم بولغىنى، خىتايمۇ بەكلا قىزىقىۋاتقىنى كارس-ئەدىرنە تۆمۈر يولىنى ياساش. 2 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ تۆمۈر يولىنى ئەگەر تۈركىيە بىلەن خىتاي ئورتاق ياساپ چىقالىسا، بېيجىڭ بىلەن لوندون تۆمۈر يولىنى تۇتاشتۇرغان بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئانتاليا شەھىرى بىلەن ئىزمىر شەھىرى ئوتتۇرىسىدا 8 تۆمۈر يولى ياساش پىلانى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ياساش ئۈچۈن تەكلىپ سۇنغان. خىتاي تۈركىيەنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسىنى ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن ئورتاق ياكى يالغۇز ياساشنى تەلەپ قىلماقتا.
«خابەر تۈرك» گېزىتىدە 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىنغان «خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ئوبزورنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
بىز شەرقىي تۈركىستان دەپ بىلىدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى توغرىسىدا تۈركىيەدە تارقىتىلغان خەۋەرلەر بىلەن تېخىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن خىتايدىكى مۇسۇلمانلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەسىراتىمىز شۇنداق بولدى. جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغان قوبۇل قىلغان خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى رەھبەرلىرى خىتايدىكى مۇسۇلمانلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئۇلار ئەردوغانغا: خىتايدا 35 مىڭ مەسچىت، 40 مىڭ ئىمام بار. ئىبادەتلىرىمىزنى قىلىپ، ئېتىقادىمىز بويىچە تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتىمىز، دېدى.
خىتاي رەھبەرلىرى بولسا خىتايدا ياشىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا ياشىغان مۇسۇلمانلار مەسىلىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى تۈركىيەنىڭ بۇنى چۈشىنىشى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى دېدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا كونكرېت نېمىلەرنى دېيىشتى؟ بۇنى بىلىشنى خالىسىڭىز ئوبزورچى نىھال بەنگىسۇ قاراجا خانىمنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇپ يازغان ئوبزورىنىڭ ئىككىنچىسىنى ئاڭلىغايسىز.
«خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ئوبزورنى ئاڭلىدىڭلار.
