ئامېرىكا تۈركىيە - خىتاي باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە كېلىشىمىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇردى
2013.09.30
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مەنزىللىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە قالقان سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى بىر خىتاي نازۇك تېخنىكىلىق قورال - ياراق شىركىتىگە ھۆددىگە بەرگەن ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى دۇنياغا ناھايىتى تاسادىپىلىق تۇيۇلغان ۋە زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
قوراللىق كۈچلىرى ش ئا ئو ئە ت نىڭ ستاندارتىدىكى بىر دۆلەت، قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مەنزىللىك ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى خىتايغا ھۆددىگە بېرىدۇ ؟ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ قارارىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.
ئامېرىكا ش ئا ئو ئە ت مۇداپىئە ئۆلچەملىرىدىكى بىر دۆلەتنىڭ خىتاي بىلەن ھاۋا مۇداپىئەسى سېستىمىسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئىمبارگو قويغان بىر شىركەت بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سېستىمىسى توختامى تۈزگەنلىكىگە قارىتا، تۈركىيە تەرەپكە جىددىي ئەندىشىلىمىزنى يەتكۈزدۇق. مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سېستىمىسىنى ش ئا ئو ئە ت كوللىكتىپ مۇداپىئە ئىقتىدارى ياكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سېستىمىسى ئىچىدە قوللانغىلى بولمايدۇ. بۇ مەسىلە توغرىلىق داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز، دېگەن.
تۈركىيە ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىش رىقابىتىگە ئىتالىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ نازۇك تېخنىكىلىق قورال - ياراق شىركەتلىرى قاتناشقان. بىراق مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ خىتايغا ھۆددىگە بېرىلىشى تاسادىپىلىق تۇيۇلغان. توختامغا ئاساسەن، نازۇك ئەسلىھەلەر ئىمپورت - ئېكسپورت شىركىتى، ناملىق خىتاي قورال - ياراق كارخانىسى تۈركىيەگە FD2000 تىپلىق ئۇزۇن مەنزىللىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سېستىمىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. FD2000 بولسا خىتاينىڭ قىزىل بايراق - 9 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سېستىمىسىنىڭ چەتئەلگە ئېكسپورت قىلىش نۇسخىسى.
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى، تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۈركىيە باھا ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكنى كۆزدە تۇتۇپ، مەزكۇر قۇرۇلۇشنى خىتايلارغا بەرگەن.
لېكىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنى قايتۇرغان ئىنكاسىغا قارىتا چۈشەنچە بېرىپ، خىتاي بىلەن تۈزگەن توختامنىڭ ئاخىرقى قارار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت ئابدۇللا گۈل يەكشەنبە كۈنى تۈرك ئاخباراتىغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ سودا ئاخىرقى قارار ئەمەس. بىر قىسقا تىزىملىك بار. خىتاي بۇ تىزىملىكنىڭ بېشىدىكى دۆلەت، دېگەن.
دۈشەنبە كۈنى تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۇلەنت ئارىنچ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى ئاقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەنى قوغداش مەسىلىسىدە باشقىلارغا قارىماي قارار چىقىرىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئابدۇللا گۈلگە ئوخشاشلا خىتاي بىلەن ئىمزالانغان توختامنىڭ ئاخىرقى قارار ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغان. ئەركىن ئەكرەم تۈركىيە ش ئا ئو ئە ت نىڭ ئەزاسى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇزۇن مەنزىللىك ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ مۇستەقىل ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسى قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىكى بۇ خىل ھەمكارلىقى، خىتاينىڭ قوراللىق باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىدىغان بىر يۈزلىنىش. تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن تېز ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئىككى دۆلەت ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن. ئەركىن ئەكرەم، «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيە خىتاي بىلەن ھاۋا مۇداپىئە توختامى ئىمزالاش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سۈرۈشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھاۋا مۇداپىئە ھەمكارلىق توختامىغا يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رىكاردون ئىنكاس بىلدۈرگەن. ئۇ، دۈشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىسىنىڭ دۆلەت بايرىمى زىياپىتىگە قاتنىشىپ شۇ يەردە، تۈركىيەنىڭ ش ئا ئو ئە ت غا ئۇيغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سېستىمىسىنى تاللىشىنى ئۈمىد قىلغان.
رىچاردون، تۈركىيە ش ئا ئو ئە ت دىكى ئىتتىپاقداش ئەل. تۈركىيە ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتى. ئىتتىپاقداشلىقىمىزغا ئىشىنىپ ئىنكاس بىلدۈردۇق. ئىتتىپاقداشلار ئىتتىپاقداش بولغانچە شۇنداق قىلىدۇ. 60 يىل بولدى، ئىتتىپاقداشلىقىمىز تېخىمۇ ئۇزۇن سۈرگۈسى، دېگەن.
لېكىن، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، تۈركىيە جۇڭگونى تاللىسا مەسىلە چىقىدۇ، دەپ قارىمايمەن. تېخنىكىلىق مەسىلىمۇ چىقمايدۇ. ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز، قارارنى تۈرك تەرەپ بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.