تۈركىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى خىتايغا بېرىدىغانلىقى بەس-مۇنازىرە قوزغىدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغان خىتاي شىركىتى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە ئەۋجىگە چىقتى.

تۈركىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالغان سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى خىتايغا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى (ش ئا ئە ت)دىن ئاگاھلاندۇرۇش كەلدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا بۇ ھەقتە توختالدى ۋە «بۇ ئىش ئۈچۈن تىزىملىكنىڭ بېشىدا خىتاي بار، ئەمما تېخى ئەڭ ئاخىرقى تاللاش ئەمەس»، دېدى.

بۇ ھەقتە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئوخشىمىغان قاراشلاردا ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. پارلامېنتتا سىياسىي پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بەردى. تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشكە مەجبۇر بولدى.

تۈركىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى قۇرۇش پىلانىنىڭ خىتايغا بېرىلىشىگە ئامېرىكا قارشى چىققاندىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىمۇ قارشى چىقىپ بايانات ئېلان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ياسىماقچى بولغان، «سەزگۈر ئەسلىھەلەر ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتى» ناملىق خىتاي قورال-ياراق ياساش كارخانىسى ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قويغان قارا تىزىملىكتىكى شىركەت بولغانلىقى تالاش-تارتىشقا يول ئاچتى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) مۇ بۇنىڭغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ بايانات ئېلان قىلىپ، قۇرۇلماقچى بولغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ، تېخنىكا جەھەتتىن ناتونىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن ماسلاشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فرانسېس رىككاردونې بۇ ھەقتە تۈركىيەگە خىتاب قىلىپ، «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ماسلىشىدىغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنى تاللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى.

ئۇيغۇر ئەرگان ۋە زەينەپ شافاكنىڭ «ھۆررىيەت» گېزىتىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەنىڭ ئورتاق ياساش شەرتى بىلەن خىتايدىن باشقۇرۇلىدىغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشنى مۇۋاپىق تاپقانلىقىغا ئامېرىكىدىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى دەپ بايان قىلىندى.

«رادىكال» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ش ئا ئو ئە ت نىڭ ھەربىي گېنېراللىرى ئەنقەرەگە، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئورتاقلىشىپ ياساشنى نىشان قىلغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن ش ئا ئو ئە ت نىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن ماسلىشىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ش ئا ئو ئە ت ئەمەلدارلىرى، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئورتاق ياسىماقچى بولغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ناتونىڭ ئۆلچىمىگە ماسلىشىدىغان ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جىن پساكى بايانات بېرىپ، «بىز تۈركلەرنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىغا ئالاقىدار جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق، بۇ ھەقتىكى ئۇچرىشىشلار داۋام قىلىدۇ»، دېدى.

«رادىكال» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە تەرەپ، ئامېرىكا بىلەن ناتودىن كەلگەن ئەندىشە ئىپادىلىرىگە تەمكىنلىك بىلەن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئەندىشە قىلىشنى بايان قىلىش توغرا قاراش ئەمەس، بۇ تېخى چوقۇم ئېلىنغان بىر قارار ئەمەس، ئۇچرىشىشلار داۋام قىلىۋاتىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرىمىز بىلەن ش ئا ئو ئە ت ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىشلار ۋە مەسلىھەتلىشىش داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئەڭ ياخشى باھانى خىتاي شىركىتى بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇچرىشىشلار تۇنجى بولۇپ ئۇلار بىلەن باشلىنىدۇ.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى قارشى چىقتى

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمگە قارشى چىقتى.

«ساباھ» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيەنىڭ ئۆكتىچى پارتىيىلىرىدىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فارۇق لوغئوغلۇ بۇ كېلىشىمنىڭ تۈركىيەنى ش ئا ئو ئە ت دىن ئۇزاقلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فارۇق لوغئوغلۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خىتاي بىلەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى توغرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم، تۈركىيەنى ش ئا ئو ئە ت دىن ئۇزاقلاشتۇرىدۇ. باشتا ئامېرىكا قاتارلىق ناتونىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن قارشىلىق كېلىشكە باشلىدى. خىتاينىڭ ئۇ شىركىتى ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېمبارگۇ قويغان قارا تىزىملىكتىكى شىركەت. تۈركىيە ئامېرىكىدىن قانچىلىك ئۇزاقلىشىپ كەتسە ئوخشاش شەكىلدە ناتودىنمۇ شۇنچىلىك ئۇزاقلىشىپ كېتىدۇ.

«ۋەتەن» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۇ ھەقتە تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇغانغا ئىككى قېتىم تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈشنىڭ ناتو سىستېمىسىغا ئۇيغۇن بولمايدىغانلىقىنى دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ناتونىڭ ئەزاسى بولغان بىر دۆلەتتە خىتايلارنىڭ قورال ياسىشى ئامېرىكىنى ئەندىشىلەندۈردى. خىتاي ئاخباراتلىرى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئورتاق ئىشنى «يېڭى بىر دەۋر باشلاندى»دەپ ئېلان قىلدى.

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ساتماقچى بولغان خىتاي شىركىتى «CPMIEC» ئىران، شىمالىي كورېيە ۋە سۈرىيىگە قورال ساتقانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېمبارگۇ قۇيۇلغان بىر شىركەت ئىكەن.

«يېڭى ئاكت» گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى فارۇك كۆسە 30-سېنتەبىر كۈنى بۇ گېزىتتە، «تۈركىيە شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ ئىنساۋىغا تاشلاق قويدىمۇ؟» ناملىق ئوبزۇر ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئوبزوردا، تۈركىيەنىڭ خىتايدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

فارۇق كۈسە مۇنداق يازغان: تۈركىيەنىڭ، ئۇزۇن مۇساپىلىك مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنداشلىرىمىز ۋە قان-قېرىنداشلىرىمىزغا رەھىمسىزلەرچە بىر شەكىلدە زۇلۇم قىلغان، پۈتۈن ئىنسانىي ۋە ئىسلامىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا چەكلىمە قويغان، ئۇلارنى قەتلى قىلغان خىتايغا بېرىلىشىنى، پايدا ئېلىش ياكى پايدا ئالدۇرۇش دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل خەلقئارالىق بىر ئىشنىڭ مەلۇم بىر مۇداپىئە ۋە تاشقى سىياسەت ئىستىراتېگىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتلار بۇ ئىشنى خالىغانغا بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىنىڭ كېرىكى يوق. بىر دۆلەتنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئادەتتىكى بىر بەسلىشىش بىلەن باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئۇتۇپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، يەنى تۈركىيە بۇ ئىشنى خىتايغا بەردى دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز.

ئوبزوردا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا رەھىمسىزلەرچە زۇلۇم بولۇۋاتىدۇ، 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئىشغال قىلغان خىتاي، شۇ كۈندىن بۇيان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، بىر تەرەپتىن ۋەھشىي بىر نوپۇس ۋە مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى، قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ قەتلىئامنى ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ھېچ كىم كۆرۈشنى خالىمايدۇ، تۈركىيە نېمە ئۈچۈن خىتاي بىلەن توختىماي مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىستراتېگىيىلىك سەۋىيىگە ئېلىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەيۋاتىمەن.

ئوبزوردا فارۇق كۈسە مۇنداق دېگەن: تۈركىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى خىتايغا بېرىپ، مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى ۋە خىتايغا بۇرۇندىن باغلانغان ھالغا كەلدى. خەلقئارالىق ياكى رايونلۇق كۈچ بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ بۇ قۇرۇلۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق، بۇ قۇرۇلۇش بەدىلىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىمغا، قەتلىئامغا خاتىمە بېرىلىشنى تەمىن ئېتىشنى تەلەپ قىلىش مەيدانىدا تۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئەگەر تۈركىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى خىتايغا بېرىشتە ئەگەر مۇشۇنداق بىر ئىستراتېگىيە يولغا قويمىغان بولسا، ئۇ چاغدا كىشى ئەقلىگە تەنھا بىر سوئال كېلىدۇ، ئەجەبا تۈركىيە شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ ئىنساۋىغا تاشلاپ قويدىمۇ؟ ئەگەر بۇ قۇرۇلۇش، شەرقىي تۈركىستاننى ياخشىلاش شەرتىگە باغلانمىغان بولسا ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن يۇقىرىدىكى سوئال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مۇداپىئە سىستېمىسى ۋاسىتىسى بىلەن بۇرنىدىن باغلىنىپ قالىدىغان ھالغا كېلىدىغان خىتايغا قارشى ئارتۇق ھېچ بىر شەكىلدە قارشى تۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا نېمە دەيدۇ، ئۇنىڭغا قاراپ باقايلى.

تۈركىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالغان سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى خىتايغا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ش ئا ئو ئە ت دىن ئاگاھلاندۇرۇش كەلگەندە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسى دا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
-ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى كرىزىسلار سەۋەبىدىن ھاۋا مۇداپىئە ساھەسىدە بەزى كەمچىللىكلەر بارلىقى كۆرۈلدى. پاترىئوت باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىلىرىنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ۋاقىتلىق تەدبىرلەرنى ئالدۇق. ئەمما جىددىي ھالەتتە مۇقىم بىر ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت باشلىدۇق. بۇ توغرىدا مالىيە، تۈركىيەدە ياساش ۋە تېخنىكا يۆتكەش بىز ئۈچۈن مۇھىم پرىنسىپتۇر. بىزنىڭ تەلەپلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا بۇ پرىنسىپ بويىچە قۇرۇلۇشنى ياسايدىغانلارنى قاتارغا تىزدۇق. تىزىملىكنىڭ بېشىدا خىتاي شىركىتى بار، ئەمما بۇ ئەڭ ئاخىرقى تاللاش ئەمەس. بۇ سىستېمىغا ئالاقىدار قارارىمىز قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر ش ئا ئو ئە ت بىلەن زىت كېلىدىغان بىر مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا كىرىشىشىمىز ھېچ بىر شەكىلدە تىلغا ئېلىنمايدۇ.

تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز، بۇ بەس مۇنازىرە-تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدا چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى:
-بىز ئورتاق ياساش ۋە تېخنىكا يۆتكەشنى خالايمىز، باشقا دۆلەتلەر بۇنى بىزگە تەمىن ئەتمەيدۇ، بىزگە تەمىن ئەتمىسە بىز، بۇنى بىزگە تەمىن ئەتكەن دۆلەتلەردىن ئالىمىز.

مىنىستىر ئىسمەت يىلماز، خىتاي شىركىتى ياسىماقچى بولغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ش ئا ئو ئە ت نىڭ مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن ماسلاشمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلارغا جاۋاب بېرىپ، «بۇ ھەقتە ھېچ قانداق مەسىلە يوق»، دېدى ۋە خىتاي شىركىتىنىڭ بۇ ئىشتا ئەڭ تۆۋەن باھا تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

4 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى، ئامېرىكا، رۇسىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە خىتاي شىركەتلىرى تالاش-تارتىش قىلغان بولۇپ، 4 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى بۇ قۇرۇلۇشنى خىتاي شىركىتى 3 مىليارد دوللارغا ياسايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ياساش شەرتىگە قوشۇلغاندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا بېرىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن بەس-مۇنازىرە ۋە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.