تۈركىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى خىتايغا ھۆددىگە بېرىشتىن يېنىۋالىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرمەكتە

0:00 / 0:00

تۈركىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى خىتايغا ھۆددىگە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. تۈركىيە بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق رەددىيە بىلدۈرگەن ئىدى.

«يېڭىچاغ» گېزىتىدە 21-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە تۇنجى قېتىم بۇ ھەقتە مۇسبەت بايانات ئېلان قىلىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى خىتايغا ھۆددىگە بېرىشتىن يېنىۋالىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن. تۈركىيە مىللىي مۇداپىئە سانائەت باشقارمىسى مۇئاۋىن مۇدىرى فارۇق ئۆزلۈ ئەپەندى بەرگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاي شىركىتى بىلەن بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، مۇزاكىرە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، كېلىشەلىسەك توختامنامە تۈزىمىز. بولمىسا فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە شىركەتلىرى بىلەن كۆرۈشىمىز.»

«يېڭىچاغ» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى بىر خىتاي شىركىتىگە ھۆددىگە بېرىشتىن يېنىۋېلىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. راستىنىلا تۈركىيە يېنىۋالارمۇ؟ يېنىۋالغان تەقدىردە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز، تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى بىر خىتاي شىركىتىگە ھۆددىگە بېرىش قارارىنىڭ توغرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاخىرقى قارار چىقىرىلمىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ مۇۋاپىق باھا بەرگەنلىكى ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تۈركىيەنىڭ مەزكۇر مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى خىتايغا بېرىشى ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈركىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنىڭدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي قۇرغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇداپىئە ئۆلچەملىرىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.