يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە كۆزەتكۈچىلەر تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى كۆرۈنەرلىك يېقىنلىشىشقا دىققەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ يېقىنلىشىشنىڭ سەۋەبى تۈركىيەنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى» دە مۇھىم رول ئېلىش ئارزۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئېھتىماللىقى ۋە بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى يېقىندا ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىيىتىنىڭ قەتئىيلىكى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىق بولدى. دۇنيادىكى 65 دۆلەتكە، پۈتكۈل يەر شارى نوپۇسىنىڭ 70 پىرسەنتىگە، پۈتكۈل ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ 75 پىرسەنتىگە ۋە دۇنيا ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 28 پىرسەنتىگە چېتىلىدىغان بۇ قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان غايەت زور مەبلەغ بولسا نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئۆزىگە قىزىقتۇرماقتا. تۈركىيە ئەنە شۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرى.
تۈركىيەنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى» ياكى «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەت ئېلىش ئارزۇسى بۇ يىل 5-ئايدا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايدا ئېچىلغان بىر «بەلۋاغ، بىر يول » يىغىنىغا قاتنىشىشى ۋە 8-ئايدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇد چاۋۇشئوغلىنىڭ خىتايدا قىلغان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدىلا مەلۇم بولغان ئىدى. چاۋۇشوغلى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنكى ئىككى تەرەپ ئورتاق باياناتىدا «خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز. بىز تۈركىيەدە خىتاينى نىشان قىلغان ياكى خىتايغا قارشى بولغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتكە يول قويمايمىز، ئاخباراتلاردىكى خىتايغا قارشى خەۋەر چىقىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالىمىز» دېگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا چاۋۇشئوغلىنىڭ بۇ سۆزى خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.
يېقىندا، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق «شەرقىي ئاسىيا مۇنبىرى» ناملىق تور بەتتە ئېلان قىلىنغان «نېمىشقا تۈركىيە بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا شۇنچە ھەۋەس قىلىپ قالدى؟» ماۋزۇلۇق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا يۇقىرىقى قەسەملەرنى بېرىپ، خىتاي بىلەن تېز سۈرئەتتە يېقىنلىشىشىدىكى سەۋەب، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىدە تەنقىدكە ئۇچراش سەۋەبلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلەشكەن، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى، يەنى «ناتو» ۋە ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە سوغۇقچىلىق چۈشكەنلىكىدە ئىدى. ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، ناھايىتى تېز قۇرۇلغان بۇ دوستلۇق ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ غەربكە قارشى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە قېتىۋالىدىغان ئادىتىنى تېخىمۇ ئوچۇق كۆرسىتىپ بەردى، دېگەن.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ياۋروپاغا چىقىدىغان بىر دەرۋازا سۈپىتىدە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن مەبلەغ ئېلىش ئۈچۈن ۋە تېخنىكا ئۆگىنىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىدا پروفېسسور دوكتور تارىك ئوغۇزئوغلى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى تۈركىيە ۋە خىتاي» ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تىجارەتنى ئاشۇرۇشنى، تېخىمۇ كۆپ خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىپ تۈركىيەدىن بىر نەرسە سېتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. يەنە بۇنىڭدىن سىرت تۈركىيە خىتايدىن ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىشنى ھەم شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئارۇز قىلىدىكەن.
ئاپتور تارىك ئوغۇزئوغلىنىڭ قارىشىچە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتى بىلەن شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قاتتىق سەزگۈر بولۇشى، غەربنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق» نامى ئاستىدىكى پائالىيەتلىرىدىن گۇمان قىلىدىغان بولۇشى، ھەر ئىككىسىنىڭ «باشقا دۆلەتلەر بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك» دەپ قارايدىغان بولۇشى قاتارلىق ئورتاقلىقلارغا ئىگە بولۇشى بۇ دۆلەتلەرنى يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان ئامىللار ئىكەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ئۈچۈن تۈركىيە «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دا بولسىمۇ بولىدۇ، بولمىسىمۇ بولىدىكەن. ئەمما خىتاي تۈركىيەنىڭ بۇ قۇرۇلۇشتىن مەنپەئەت ئېلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيەگە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە شەرت قويماقتىكەن.
ئامېرىكىدىكى پانوما ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور درۇ گلەدنېي ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇپ، بارغانسېرى دېكتاتورلۇق يولىغا قاراپ مېڭىشى تۈركىيە ئۈچۈن بىر بەختسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇنداق ھەل قىلالمايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭ قارىشىمچە، ئەردوغان ھۆكۈمىتى ھازىر بارغانسېرى دىكتاتور بىر يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. مەنچە بۇ تۈركىيە ئۈچۈن بىر تەلەيسىزلىك. بۇنىڭغا خەلق ئاممىسى ئۆزىدىمۇ نۇرغۇن نارازىلىقلار بار. تۈركىيەدىكى نۇرغۇن ئىلىم ئادەملىرىمۇ ئەركىن مەتبۇئاتنى، ئەركىن ئاخباراتنى ياقىلايدۇ. ئۇلار ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىمۇ كۆپ تەنقىد قىلغان. ئەمما ھازىر ئاخباراتتا يول قويۇلمايۋاتىدۇ. ئەمما، مەنچە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى» دىكى ئورنىنىڭ قانداق مۇھىملىقىنى بىزگە يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. خىتاينىڭ مەسىلىنى بۇنداق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىمەن دېيىشى ئىنتايىن خاتا. ئەگەر ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يىلتىزىنى تېپىپ چىقىپ، ‹بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىسىيەسى› دە ئۇلارغا ھەقىقىي مەنپەئەت بەرمەيدىكەن، ئۇيغۇرلار بۇ يولدا بىر كاشىلا ياكى بىر ئويمان-دۆڭ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ».
تۈركىيەلىك ئانالىزچى تارىك ئوغۇزئوغلىنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئەمەلىيەتچان بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر تۈركىيە خىتايغا ئوخشاش يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان بىر يېڭى كۈچ بىلەن «ياخشى ئۆتۈش ياكى ھەمكارلىشىش» ئۈچۈنلا يېقىنلىشىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭ كارايىتى چاغلىق، ئەمما يۈز يىللارچە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەن غەربنى بىراقلا تاشلىۋېتىپ، يالغۇز خىتاينىڭ پويىزىغا چىقىۋالسا، ئۇ ھالدا بۇ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى ئۈچۈن بىر خەۋپ يارىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
0:00 / 0:00