تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مەمەت شىمشەك ئەپەندى 3-نويابىر كۈنى خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ ياڭ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار، تۈركىيە-خىتاي ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنىدا كۆرۈشكەن ئىدى.
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ ياڭ بۈگۈن رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، تۈركىيەنىڭ «مىللىيەت» گېزىتىدە بۈگۈن ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ۋاڭ ياڭ ئۆزىنىڭ 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئالدى بىلەن تۈركىيە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى مەمەت شىمشەك ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان.
ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يىغىندا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مەسىلىلەر، بىخەتەرلىك ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدىن باشقا يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاڭ ياڭنى تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى قوبۇل قىلغان. ھەر ئىككىلا ئۇچرىشىشتا ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلگەن.
تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا بۇرۇن ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى، ئەمما بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مەسىلىلەر، بىخەتەرلىك ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىش مەسىلىلىرى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان.
بۇنىڭ بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ۋە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى مەمەت شىمشەكنىڭ خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ھازىر تۈركىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسىنىڭ چوقۇم كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئىستانبۇل باقىركۆي سوت ئىدارىسىنىڭ ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتاي بەرگەن ئىسپاتنى «يېتەرسىز» دەپ قويۇپ بەرگەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيەنىڭ ئۇنى خىتايغا بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ تۈركىيەنىڭ ياپچاننى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل زىيارەتلەردە تۈركىيەگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەنپەئەت بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىستانبۇلدا ۋاڭ ياڭنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ۋاڭ ياڭ 5-چېسلا تۈركىيەدىن ئايرىلىدىكەن.