خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئەزاسى مىڭ جيەنجۇ باشچىلىقىدىكى خىتاي ئۆمىكىنى تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قوبۇل قىلغاندىن سىرت، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفغان ئەلا، تۈركىيە خەۋپسىزلىك كومىتېتى باشلىقى سەيپۇللاھ ھاجىمۈفتۈئوغلۇ قاتارلىقلارمۇ ئۇلار بىلەن ئۇچراشقان. بۇ ئۇچرىشىشلارغا تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى خاقان فىدان بىلەن خىتاي تاشقى ئىستىخبارات مىنىستىرى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى ۋە ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقىمۇ قاتناشقان.
ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇرۇن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن تۈرك رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارغا بۇنداق كۆپ جاسۇسلۇق ئىدارىسى ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى قاتنىشىپ باققان ئەمەس ئىكەن. بۇ ئۇچرىشىشلاردىن بۇرۇن مۇخبىرلارنىڭ رەسىم تارتىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى، مەلۇماتمۇ بېرىلمىدى. ئۇنداقتا بۇ ئۇچرىشىشلاردا نېمە مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ زىيارەتنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىرى بولار؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم مىڭ جيەنجۇ باشچىلىقىدىكى بۇ ئۆمەك ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇشى، نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.