تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.12.13
bir-belwagh-bir-yol-yighini-erdoghan-shi-toxtam.jpg (ئىككىنچى رەت ئوڭدىن سولغا) تۈركىيە رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «خەلقئارالىق بىر بەلۋاغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنى» دىن بىر كۈن ئىلگىرى ئىككى دۆلەت كېلىشىمىگە قول قويۇش مۇراسىمىدا. 2017-يىلى 13-ماي، بېيجىڭ.
AFP

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ئىستانبۇل كارخانىچىلار بىرلىكىدە «چىن ئۈلكە گۈنۈ»، يەنى «خىتاي ئۆلكە كۈنى» ماۋزۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى ئابدۇقادىر ئېمىن ئۆنەن، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى چيەن بو، ئىستانبۇل كارخانىچىلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەردال باغچىۋان قاتارلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلىپ سۆز قىلدى. مەزكۇر بىرلىكنىڭ تور گېزىتى بىلەن «بۈگۈنكى خىتاي ۋە تۈركىيە» قاتارلىق تور گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، 9-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان يىغىندا سۆز قىلغان كىشىلەر خىتاي توغرىسىدا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سابىق باش مەسلىھەتچىسى، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇقادىر ئېمىن ئۆنەن يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاي ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ تۈركىيە جەلپ قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ خىتايغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان سانىنى كۆپەيتىشى كېرەكلىكىنى، خىتايچە بىلىدىغان ساياھەت يېتەكچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەكلىكىنى، خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆز تاماقلىرىنى يەپ، سودىلىقىنى قىلىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا خىتاي شەھەرچىسى قۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىستانبۇل كارخانىچىلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەردال باغچەۋان ئەپەندى خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ، نۇتقىدا تۈركىيە خىتايدىن ئىمپورت قىلغان مال بىلەن خىتايغا ئېكسپورت قىلغان ماللارنىڭ سوممىسى ئوتتۇرىسىدا زور تەڭپۇڭسىزلىق بارلىقىنى، بۇنىڭ نورمال تىجارىي مۇناسىۋەت ئەمەسلىكىنى، بۇنى تۈزىتىش كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.

يىغىندا سۆز قىلغان خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى چيەن بو، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات يولى ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر يولنى سېلىشتىكى مەقسەتنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق تىجارىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 20 دۆلەتتىكى ئىشسىزلىققا چارە بولىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتە تېزرەك قارار بېرىشى كېرەكلىكىنى، پويىز بېكەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن كەينىگە قايتمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي كونسۇلى چيەن بو، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا تۈركىيەنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيەدە خىتايچە ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغاش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلار ۋە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزكۇر يىغىندا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى بولغان ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ خىتايغا يېڭى تەيىن قىلىنغان بۈيۈك ئەلچىنىڭ ئىستانبۇلدا خىتاي شەھەرچىسى قۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟ خىتاي كونسۇلى چيەن بۇنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشتە سىياسىي ئىشەنچىنى تەكىتلەشتىكى سەۋەب نېمە؟ تۈركىيە بۇرۇندىن تارتىپ تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقىنى تۈگىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن، بۇنى راستىنىلا تۈزىتەلەمدۇ؟ تۈركىيەدە 2016-يىلى يۈز بەرگەن 15-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش سىياسىتى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى نىسانتاشى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئوقۇتقۇچىسى دوكتور قۇتاي قاراجا ئەپەندى ۋە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور قۇتاي قاراجا ئەپەندى بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومۈنىست پارتىيەسىنىڭ 19-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە مەن خىتايدا ئىدىم. تۈركىيە ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھەيئىتى ۋە كۆپ ساندا يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشتۇق. بۇرۇن تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەيتتى. ھازىر خىتايمۇ بىزگە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئېغىز ئاچمايدىغان مەزگىلگە قەدەم قويدى. چۈنكى خىتاي ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقتىكى دەرۋازى بىز، غەربتىكى دەرۋازىسى سىز، تۈركىيە بىز ئۈچۈن مۇھىم دەپ باشقا مەسىلىلەرنى تىلغا ئالمايۋاتىدۇ. تۈركىيە كەلگۈسىدە دۇنيادىكى 9-ئىقتىسادىي كۈچ بولىدۇ، بىز بۇنى بىلىمىز، شۇڭا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمىز دەپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەيۋاتىدۇ. بۇرۇن خىتاي رەھبەرلەر تۈرك رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشقاندا سىلەر ‹ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەرنى قوللاۋاتىسىلەر› دەيتتى. ھازىر ئۇنىمۇ دېمەيۋاتىدۇ. بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقىدىكى سەۋەب بۇ بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ھازىر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇررەشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندى تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىسىنىڭ يىغىندا بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈزىتىشتىن ئىبارەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقنى يېقىن كەلگۈسىدە تۈزەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇررەشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، ئۆتكەن يىلدىن تارتىپ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى خىتاينىڭ چىققىلى قويمايۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ھەتتا تۈرك تىجارەتچىلەرگە خىتاينىڭ ۋىزا بەرمەيۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تەنپۇڭسىزلىقنى ئوڭشايمەن دېسە، خىتايدىكى بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاي مىڭ تىرىشسىمۇ تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى يوق قىلالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.