تۈرك ۋە ياپون مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەردوغاننىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە بولغان ئىنكاسلىرى

0:00 / 0:00

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 6-يانۋاردىن 8-يانۋارغىچە ياپونىيەدە ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ. ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتىگە تۈركىيە ۋە ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى تۈرلۈك قاراشلاردا بولماقتا.

ياپونىيەدە چىقىدىغان «يومىئۇرى شىمبۇن گېزىتى» 6-يانۋاردىكى سانىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياپونىيەدە ئېلىپ بارىدىغان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىگە باھا بېرىپ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياپونىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ۋە ياپونىيە پادىشاھى ئاكىھىتو خان ئالىيلىرى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە «تۈركىيە بىلەن ياپونىيە 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى تالىشىشتا ئۆز-ئارا رىقابەتلەشكەن دۆلەتلەر بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەت قاتتىق ئېلىشقاندىن كېيىن، ھازىر تېخىمۇ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ كەتتى، تۈركلەرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا بۇ ‹ياخشى دوستلۇق ئۇرۇشتىن كېيىن ھاسىل بولىدۇ› دېگەندەك بولسا كېرەك» دېيىلگەن.

يومىئۇرى شىمبۇن گېزىتىنىڭ تور بېتىدىكى بۇ ھەقتىكى ماقالىدە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قازانغان ئۇتۇقلىرى ھەققىدە توختىلىپ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەگە باش مىنىستىرى بولغاندىن كېيىنكى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى گۈللىنىشىگە قوشقان تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئوقۇلغان. شىنزو ئابې باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىگە ئىككىنچى قېتىم ئولتۇرغاندىن كېيىن ئابېنىڭ ئۆزىگە خاس ئىقتىسادىي يول تۇتۇپ ياپونىيە ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرغانلىقى ۋە بۇنىڭ ياپونىيەدە «ئابې ئىقتىسادى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە شۇنداقلا ئىككى رەھبەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك سىياسىي مەسىلىلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆتكەن يىلى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش، ياپونىيەدە بولسا شىزو ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى قانۇنى» تۇرغۇزۇشتا قارشى پارتىيىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىشىشى بىلەن ئىستانبۇلدا، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرغان سۇ ئاستى تونىلىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ياپونىيەنىڭ ھەمكارلىقىدا غەلىبىلىك تاماملانغانلىقىنى، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا «تۈركىيەنىڭ 150 يىللىق چۈشى» نىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ياپونىيەنىڭ ئاتوم ئېلېكتر ئېنېرگىيە تېخنىكىسىغا موھتاجلىقىنى ۋە بۇ توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيەنىڭ ياپونىيەدىن ئاتوم ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى تېخنىكىسىنى قوبۇل قىلىشىغا ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرى بىلەن قارشىلىق بىلدۈرگەن ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سىياسىي-ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى سېئىجى نىشىخارا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

-ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى بىلەن، بولۇپمۇ تۈركىيەدەك دۆلەتلەر بىلەن ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى بۇ تولىمۇ ياخشى ئىش، ئەمما تۈركىيە ياپونىيەدىن ئاتوم ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى تېخنىكىسىنى ئىمپورت قىلىش ئۈچۈن، بۇ تېخنىكىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە فۇكۇشىما ئۆلكىسىدىكى خەلقلەرگە ئېلىپ كەلگەن بالايىئاپەتلىرىنى كۆرۈپ تەكشۈرۈپ باقسا بولىدۇ.

تۈركىيەدىن چىقىدىغان «توداي زامان» گېزىتى 5-يانۋاردىكى تور بېتىدىكى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسىدە، باش مىنىستىرنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىگە قىلغان زىيارىتىنىڭ تۇنجى قەدىمى بولغان ياپونىيە سەپىرىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ، ئېنېرگىيە مىنىستىرى تانەر يىلتىز قاتارلىق مىنىستىرلارنىڭ ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىنىستىر ئىسمەت يىلمازنىڭ ئۆتكەن يىلى 28-دېكابىردا ياپونىيە «نىككېئى گېزىتى» نىڭ تۈركىيەدىكى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا؛ «تۈركىيە ياپونىيەنىڭ ئېغىر سانائەت شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان مىتسۇبىشى شىركىتى بىلەن 1500 ئات كۈچىگە ئىگە ماتۇر ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئىمپورت قىلىش شۇنداقلا بۇ خىلدىكى تېخنىكىلارنى تۈركىيە ئارمىيىسىدە 2016-يىلغىچە قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى تۈركىيەلىك مۇستەقىل تەتقىقاتچى بورابىنگۆل تۈركىيە ياپونىيە ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

-تۈركىيە سۇ ئاستى تونىل ئارقىلىق ياۋروپاغىچە تۆمۈر يول تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىش ۋە شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ تىز سۈرئەتلىك پويىز تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئەلۋەتتە ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ۋە تېخنىكىسىغا موھتاج.

ياپونىيەلىك ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى پروفېسسور ساساكى يوشىئاكى تۈركىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ئۆز-ئارا ھەمدوستلۇق ۋە ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشىدىكى سەۋەبنى تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى ئوخشاشلىقلاردىن ئىبارەت دەپ قارايدىكەن:

  • بىرىنچىدىن ياپونىيە تۈركىيەنىڭ ئۆزلىرىدىن تېخنىكا ئۆگىنىشىگە قىزىقىپ، كۆپلىگەن تېخنىكىلارنى قوبۇل قىلغانلىقىغا مەمنۇنكەن.
  • ئىككىنچىدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەنى ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئىستراتېگىيىلىك ھەمشىرىكى دەپ بىلىدىكەن.

گەرچە تۈركىيە بىلەن ياپونىيە جۇغراپىيىلىك جەھەتتە يىراق بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاقلىقى كۆپىكەن. ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى كويزۇمى 2006-يىلى تۈركىيەگە بارغاندا مەسچىتكە كىرىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ مەسچىتكە ھۆرمەت ۋە ئىزەت بىلدۈرگەن. بۇ ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مۇقەددەس جايلارنى تاۋاپ قىلغاندا ئورتاق قوللىنىدىغان ئۆرپ-ئادەت شەكلىنىڭ ئوخشاشلىقى، دەپ قارىلىدىكەن. ياپون، تۈرك تىللىرى ئوخشاش بىر تىل سىستېمىسىغا تەۋە شۇنداقلا گرامماتىكىلىق جەھەتتىن تولىمۇ يېقىن تىللار بولغانلىقى ئۈچۈن ياپونلارنىڭ چەت تىل ئۆگىنىشتە ھەممىدىن تېزرەك تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشى ئاسانغا توختايدىكەن.

تۈركىيەدىكى ت ر ت نىڭ 4-يانۋاردىكى تور بېكىتىدە، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىر قىسىم مىنىستىر ۋە كارخانىچىلار بىلەن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى، ياپونىيە بىلەن تېخنىكا ھەمكارلىقى جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغانلىقى، سىنگاپور، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىلەن بىر قىسىم سودا كېلىشىملىرىنى تۈزەيدىغانلىقى شۇنداقلا ياپونىيە خان ئالىيلىرى ۋە مالايشىيا پادىشاھى ئابدۇل ھالىم كەداھ بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.