17-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇل تەرەققىيات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ياپونىيەنىڭ ئايرىم-ئايرىم بەش ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن بىخەتەرلىك ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن تۈرك تەتقىقاتچىلار جەم بولۇپ بىر يىغىن ئۇيۇشتۇردى.
بۇ يىغىن، تۈركىيە بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە خىتايغا بولغان كۆز-قاراشلارنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى.
يىغىنغا ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرىدىن چىھىرو كاتو، مىچىكو كىيومىيا، تاتروسا ھاياشى، ماساھارو ھىشىدا، تارو تاكىگوچى ۋە جىياڭروڭ جۇ قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ تۈرك تەتقىقاتچىلاردىن ئىستانبۇل تەرەققىيات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلقادىر غەيرەتلى ۋە سىياسىي بىلىم ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور قۇتاي قاراجا ئىلمىي ماقالە تەقدىم قىلىپ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئاساسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى توختىتىپ قويۇشنىڭ بىر خاتا سىياسەتكە يول ئاچىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىندا ياپونلار تۈركىيەنىڭ خىتاي سىياسىتى ۋە تۈرك-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوتسېنت دوكتور قۇتاي قاراجا، تۈركىيەنىڭ خىتاي سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى.
دوكتور قۇتاي قاراجا ئەپەندى، ئۆزىنىڭ خىتاي تەتقىقاتچىلار بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇچراشقانلىقىنى، ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە خىتاي-تۈرك ئوتتۇرىسىدا ئاساسى مەسىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر تەرەپتىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يىللىقى تۈركىيە تۆت ھەسسە كەم مىقداردا داۋام قىلىۋاتقان 28 مىليارد دوللار قىممىتىدە بىر سودا-تىجارەت مۇناسىۋەت بارلىقىنى بىلدۈردى.