2013 - يىلى 16 - دېكابىر، تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قىلدى.
16 - دېكابىر، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ كومسسارى سەيسىلىيا تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتكە بېرىشىدا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كېلىشىم ئىمزالىدى.
بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچ يېرىم يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىشتا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىغا ئېرىشىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئىككى تەرەپ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىگە ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بارغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ياۋروپا ئىتتىپاقى قايتۇرۇۋەتكەن ئەھۋال ئاستىدا قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغان.
كېلىشىمگە ئىمزا قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى سۆز قىلىپ، تۈركىيىنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيە جەھەتتە ياۋروپانىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، تارىخى بىر باسقۇچقا قەدەم باسقانلىقىنى، باشلانغان بۇ جەرياننىڭ تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئۈچۈن ئۆنۈملۈك بولۇشىنى ۋە خەلقلەرنىڭ بىر - بىرى بىلەن ئارىلىشىشىغا ۋاسىتە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
مىنىستىر داۋۇتئوغلى، «ئالدىمىزدا ئۈچ باسقۇچ بار، بىرىنچىسى: بۈگۈندىن باشلىنىدىغان پىسخولوگىيە دەۋرىنى بېسىپ ئۆتۈش، چۈشەنچە، كۆز - قاراشلار ئۆزگىرىدۇ، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىش بىلەن تۈركىيە ۋە ياۋروپا خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەتلەردە يېڭى دەۋر باشلىنىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە، ئالدىمىزدىكى ئۈچ ياكى ئۈچ يېرىم يىل جەريانىدا رەسمىي ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى خىزمەت مۇناسىۋەتلىرى تىزلىشىدۇ ۋە ئىقتىدارىمىز ئاشىدۇ. ئەڭ مۇھىم بولغىنى بولسا ئۇزۇن مۇددەتتە ياۋروپا ۋە تۈركىيە خەلقلىرى كەڭ تۈردە ئۆز - ئارا تەسىرلىنىش ئىچىگە كېرىدۇ، دېدى.
ئىمزا قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان كېيىنكى مەزگىلدە ۋەتەنداشلارنىڭ ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇشنى ئارزۇ قىلىش بىلەن بىرگە، كۆچمەن قوبۇل قىلىش كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئالاقىدار مۇناسىۋەت جەريانىنىڭ قەتئى ھالدا داۋام قىلدۇرۇلدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئەردۇغان، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبىدىن ھېچقانداق كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى، دەل ئەكىسچە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنغاندا، سودا - سانائەتچىلەر، سەنئەتچىلەر، تەنتەربىيىچىلەر، ئاممىۋىي تەشكىلات خادىملىرى ياۋروپاغا تېخىمۇ قۇلاي ھالدا ساياھەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن ياۋروپاغا تېخىمۇ مۇھىم توھپىلەر قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باش مىنىستىر ئەردۇغان: «يۈك بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، يۈك ئېلىش ئۈچۈن بارىمىز» دېدى.
كېلىشىمگە ئىمزا قىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ياۋروپا ئىچكى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ كومىسسارى سەيسىلىيا مالمسترۈن، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم بېسىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: پاراللىل ھالدا ئىككى مۇھىم باسقۇچنى باشلاتتۇق ۋە مۇشۇنىڭ بىلەن خەلقلىرىمىزنى بىرلەشتۇرىمىز، ئۆز - ئارا بىر - بىرىمىزگە قارىتا ئىشەنچ تۇرغۇزىمىز. بۇلارنىڭ ئىككى تەرەپلىمە مۇناسىۋەتلەرگە ئىنتايىن مۇھىم تەسىرى بولىدۇ ۋە ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ئىجابىي تەسىراتلىرىنى يېقىن مەزگىلدە كۆرەلەيمىز.
بۇ كېلىشىم تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ كىرىش تەشەببۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى تۈزۈپ ئىمزا قىلدى. بۇ كېلىشىم بىلەن ياۋروپا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ۋىزا ئېلىش كېرەك بولماستىن، خالىغان ۋاقىتتا بېرىپ - كېلىشكە قۇلايلىق شارائىت ھازىرلىنىدۇ. تۈركىيىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ياشايدۇ، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىمۇ كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ياشاۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بۇ كېلىشىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق پايدىسى بولىدۇ؟ بولۇپمۇ بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيىدىن ياۋروپاغا ساياھەت ياكى تۇغقان يوقلاش دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل مەقسەتتە ياۋروپاغا سەپەر قىلىشنى خالىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق قۇلايلىق شارائىتلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇرېشىت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇرېشىت ئەپەندى بۇ كېلىشمنىڭ ئەلۋەتتە تۈركىيە پۇقرالىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپاغا بېرىشىغا قۇلايلىق شارائىت يارىتىدىغانلىقىنى، ئەمما تۈركىيە، ياۋروپانىڭ، قانۇنسىز يوللار بىلەن ياۋروپاغا بارغان كىشىلەر قايتۇرۇلغاندا ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى شەرت قىلغانلىقىنى، تۈركىيە بۇ شەرتكە قوشۇلۇپ ئىمزا قىلغانلىقىنى، بۇ شەرت بىلەن تۈركىيە بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا ئەللىرىگە قېچىپ بارغان ۋە ياۋروپا ئەللىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇلغان كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00