تۈركىيە ئارقىلىق ياۋرۇپاغا قاچقان مۇساپىرلار قايتۇرۇلۇشقا باشلاندى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ئاي تۈركىيە بىلەن ياۋرۇپا بىرلىكى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن مۇساپىرلارنى ئالماشتۇرۇش توختامنامىسىگە ئاساسەن، تۈركىيە ئارقىلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە قاچقان مۇساپىرلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇش ۋە يەنە شۇنچىلىك مۇساپىرنى ياۋرۇپاغا ئېلىپ كېتىش قارارلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ توختامنامىنىڭ روھىغا ئاساسەن، بۈگۈن گرېتسىيەدىن قايتۇرۇلغان 40 ئەتراپىدا مۇساپىر كېمە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىزمىر ۋىلايىتىگە قاراشلىق دىكىلى ناھىيەسىگە ئېلىپ كېلىندى. پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتىنىڭ دىققەت ئىتىبارى بۇ يەرگە بۇرالدى. تۈركىيە بىلەن ياۋرۇپا بىرلىكى ئوتتۇرىسىدىكى توختامنامە گەرچە تۈركىيە ئارقىلىق گرېتسىيە ۋە باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە قاچقان مۇساپىرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، بۇ مۇساپىرلار ئارىسىدا كۆپ ساندا ئافغانىستانلىق، پاكىستانلىق، ئىران، ئىراق ۋە ئاز ساندا ئۇيغۇرمۇ بار ئىكەن. سۈرىيەلىك مۇساپىرلاردىن باشقىلار قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ؟ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرىۋېتىش خەۋپى بارمۇ؟ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ تۈركىيە شۆبىسىگە ئىلتىماس قىلغان مۇساپىرلار قاچان باشقا دۆلەتلەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە مۇساپىرلار ۋە كۆچ تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى مەتىن چوراباتىر ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

- ھۆرمەتلىك مەتىن چوراباتىر ئەپەندى، سۈرىيەلىك مۇساپىرلار تۈركىيەگە كەلگەندە لاگىرلاردا تۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى دېگەندە، ھۆكۈمەت ئۇلارغا رۇخسەت قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سۈرىيەلىك مۇساپىرلار تۈركىيەنىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىگە تارقالدى. قالايمىقانچىلىقلار چىقىشقا باشلىدى. ئەمدى گرېتسىيە قايتۇرۇپ بەرگەن مۇساپىرلارنىڭ لاگىرلاردا تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بارمۇ ياكى خالىغان جايدا تۇرالامدۇ؟

- تۇنجى مۇساپىرلار 2011 - يىلى 4 - ئايدا تۈركىيەگە كىرگەن ۋاقتىدا، بۇ ھەقتە ھېچقانداق قانۇن ۋە بەلگىلىمە يوق ئىدى. بۇ ھەقتە چىقىرىلغان قانۇن 2014 - يىلىدا ماقۇللاندى. مەزكۇر قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن 2014 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ۋاقىتلىق تۈركىيەدە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش توغرىسىدا ھۆججەت چىقىرىلدى. بۇ بەلگىلىمە 2014 - يىلى 10 - ئايدىن كېيىن تۈركىيەگە كەلگەن سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئالدى بىلەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى گرېتسىيەدىن 4 - 5 يۈز ئەتراپىدا مۇساپىر تۈركىيەگە قايتۇرىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە سۈرىيەلىكلەردىن باشقا ئافغانىستان، پاكىستان، ئىراق ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇساپىرلارمۇ بار. سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ھەققىدە ماقۇللانغان قانۇننىڭ 91 - ماددىسىغا ئاساسەن سۈرىيەلىك مۇساپىرلار سۈرىيەگە قايتۇرۇلمايدۇ چۈنكى سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش داۋاملاشماقتا. گرېتسىيەدىن قايتۇرىلىدىغان مۇساپىرلار گرېتسىيەگە قېچىشتىن بۇرۇن تۈركىيەدە قايسى ۋىلايەتتە تىزىمغا ئالدۇرغان بولسا، شۇ يەرگە ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇرۇن تىزىملاتمىغانلار يېڭىدىن تىزىملىغاندىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوسمانىيە ۋىلايىتىدىكى مۇساپىرلار لاگىرىغا ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە سۈرىيەلىك بولمىغانلارمۇ بار.

- ھۆرمەرلىك مەتىن چوراباتىر ئەپەندى، تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار قانۇنىدا غەرب ئەللىرىدىن كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، شەرق دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇنداقتا ئافغانىستان، پاكىستان، ئىراق ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ ئىشى قانداق بولىدۇ؟

- بۇ 2013 - يىلى تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللانغان مۇساپىرلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ ئېلىش قانۇنىغا ئاساسەن بەزى پەرەزلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز. ھەرھالدا ئۇ، كېلىشىمنامىلەرگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇ شەكىلدە بولىدۇ. ئافغانىستانلىق، ئىرانلىق، ئىراقلىق ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كېلىپ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە قاچقان مۇساپىرلار تۈركىيەنىڭ دىكىلى ۋە چەشمە دېگەن جايلىرىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، تۈركىيەدە بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرغان - ئالدۇرمىغانلىقى تەكشۇرىلىدۇ. ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسى مۇساپىرلىك سالاھىيىتى بەرگەن بولسا، تەقسىم قىلىنغان ۋىلايەتكە ئەۋەتىلىدۇ. ئۇ، ۋىلايەتتە تۇرۇش رۇخسىتى بېرىپ ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ئەگەر تۈركىيەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەرگە پاناھلىق تىلىمىگەن بولسا، پاناھلىق تىلەيدىغان تىلىمەيدىغانلىقى سورىلىدۇ. ئەگەر پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن شەرتى توشسا، قايتا پاناھلىق تىلىسە بولىدۇ. ئەگەر ئىقتىسادىي مۇساپىر بولسا يەنى ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرۈش ئۈچۈن قېچىپ چىققان بولسا، ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. گرېتسىيەدىن قايتۇرۇلغان مۇساپىرلار مەسىلىسىدە تۈركىيە خەلقئارا قانۇن بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك. بۈگۈندىن تارتىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلار گرېتسىيەدىن قايتۇرۇلغان مۇساپىرلار كەلگەن ئىزمىرنىڭ چەشمە ۋە دىكىلى دېگەن جايلىرىغا كېلىپ بۇلار ھەققىدە خەۋەر تارقىتىدۇ.

- ھۆرمەتلىك مەتىن چوراباتىر ئەپەندى، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى گرېتسىيەدىن قايتۇرۇلغان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ تۈركىيەنىڭ غەربىدىكى چېگرا رايونلىرىغا ئەمەس، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونلىرىدىكى لاگىرلارغا ئورۇنلاشتۇرىلىدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. ئەمما ھازىرغىچە قايسى شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

- ئىزمىرنىڭ دىكىلى دېگەن يېرىگە ئوخشاش ئەگە رايونىدىكى جايلار تۈركىيە دوللار تاپىدىغان ساياھەت شەھەرلىرىدۇر. بۇ جايلاردىكى مۇساپىر قوبۇل مەركەزلىرى ۋاقىتلىق جايلار. مۇساپىرلار بۇ يەردىن باشقا جايلارغا ئەۋەتىلىدۇ. ھازىر تۈركىيەدە 10 مۇساپىر لاگىرى بار. سۈرىيەنىڭ ئىچىدىمۇ لاگىرىمىز بار. ئوسمانىيە ۋىلايىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر لاگىرى بار. بۇلار قىسقا ۋاقىتتا توشۇپ كېتىشى مۇمكىن. شەھەرلەردە ياشاۋاتقان سۈرىيەلىكلەرنى تىزىملاپ مۇساپىر لاگىرلىرىغا يىغماقچى. ھازىر شەھەرلەردە تارقاق ياشاۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ سانى ئۇمۇمىي مۇساپىر سانىنىڭ %89 تەشكىل قىلىدۇ.

- ياۋرۇپا بىرلىكى بىلەن تۈزگەن توختامنامىدە ياۋرۇپادىن قايتۇرۇلغان مۇساپىرلارنىڭ سانىچىلىك مۇساپىرنىڭ تۈركىيەدىن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن، بۇلارنى تۈركىيەدىكى مۇساپىرلار ئارىسىدىن قانداق تاللايدۇ؟ بۇنىڭدا ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟

- ھازىر كىشىلەرنىڭ دىققىتى قايتۇرۇلغان مۇساپىرلارغا بۇرالدى. ئەسلىدە بۇ توختامنامىنى تۈزۈشتىكى مەقسەت تۈركىيەدىكى مۇساپىرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. يەنە بىر سەۋەپى بولسا ياۋرۇپاغا قېچىۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ئالدىنى توسۇش. شۇنىڭ بىلەن تەشكىللىك ھالدا مۇساپىرلارنى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە جايلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا ۋە ئاخباراتقا ئاشكارىلانغان تەپسىلىي بىر مەلۇمات يوق. ياۋرۇپا بىرلىكى دۆلەتلىرى 72 مىڭ ئەتراپىدا مۇساپىر قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇنداقتا قانداق كىشىلەرنى تاللىماقچى؟ مۇساپىرلار ئارىسىدا يېتىم بالىلار بار. قېرىلار، مېيىپلار بار، ئېرى ئۇرۇشتا ئۆلگەن بالىلىرى بىلەن قالغان ئاياللار بار، كېسەللەر بار. ئالدى بىلەن بۇلارنى تاللاپ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كەتمەكچى. بۇنداق بولغاندا بىر ئادالەتسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ، ئىككى - ئۈچ يىلدىن بېرى سۈرىيەدىن، باشقا دۆلەتلەردىن تۈركىيەگە كەلگەن مۇساپىرلار ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئېلىپ كېتىلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا باشقا دۆلەتلەردىن تۈركىيەگە كەلگەن مۇساپىرلار سۈرىيەلىككە بېرىلگەن بۇ پاناھلىق تىلەش ھەقلىرى بىزگە نېمە ئۈچۈن بېرىلمەيدۇ؟ دەۋاتىدۇ. چۈنكى گرېتسىيەگە كەلكەنلەر ئارىسىدا كۆپ ساندا ئافغانىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردىن تۈركىيەگە كەلگەن مۇساپىرلارمۇ بار ئىدى. تۈركىيەدىن ياۋرۇپاغا مۇساپىرلارنى تاللاپ ئەۋەتىشتە كۆپ مەسىلىلەرگە دۇچار بولىمىز دەپ ئويلايمەن.

2011 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلىغاندىن بېرى ئۇرۇشتىن قېچىپ تۈركىيە، ئىئوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرگە پاناھلانغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيەگە پاناھلانغانلارنىڭ سانى ئۈچ مىليون بولاي دەپ قالغان. بۇ مۇساپىرلاردىن 300 مىڭ ئەتراپىدا كىشى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 10 لاگىرغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قالغانلىرى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقاق ھالدا ياشىماقتا. بۇ مۇساپىرلار كېيىنكى ئايلاردا ئۆلۈم خەۋپىگە قارىماي دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ياۋرۇپاغا قېچىشقا باشلىغان ئىدى.