تۈركىيە ياۋروپا بىرلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ياۋروپا بىرلىكىگە ماسلىشىش» ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى. 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى قەيسەرى شەھىرىدىكى قادىر خاس يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىننى تۈركىيە ياۋروپا بىرلىكى مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مىڭغا يېقىن ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى تەكلىپ بويىچە قاتناشقان.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، مۇئاۋىن رەئىس ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان.
يىغىندا تۈركىيە ياۋروپا بىرلىكى مىنىستىرى ۋولقان بوزقىر ئەپەندى، قەيسەرى ۋالىسى، شەھەر باشلىقى قاتناشتى ۋە سۆز قىلغان.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا بىرلىكى مىنىستىرلىقىغا بولغان تەلەپلىرى ھەققىدە توختالغان.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، مەزكۇر يىغىنغا تۈركىيە ياۋروپا بىرلىكى مىنىستىرى ۋولقان بوزقىر باشچىلىقىدا كۆپ ساندا رەھبەرنىڭ قاتناشقانلىقىنى، يىغىندا ئۆزىنىڭ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ھازىر خەلقئارا مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، نۇقتىلىق ھالدا تۈركىيە ياۋروپا بىرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن مۇساپىرلارغا ياۋروپا بىرلىكى دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىگە چىقىشى كېرەكلىكى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سېيىت تۈمتۈرك ياۋروپا بىرلىكى مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى ئالىي ئەپەندىنىڭ 2015 - يىلى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە خىتاي رەھبەرلەرگە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى دېگەنلىكىنى بايان قىلدى.
قەيسەرى قادىر خاس يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا بىرلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ۋە ئابدۇقادىر تۈمتۈركلەر يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا بىرلىكى مىنىستىرلىقى ئارقىلىق ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپكە كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە 1960 - يىلى ياۋروپا بىرلىكىگە كىرىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، تېخىچە قوبۇل قىلىنمىغان. تۈركىيە ياۋروپا بىرلىكى مىنىستىرلىقى تۈركىيەنى ھەر جەھەتتىن ياۋروپا بىرلىكى ئۆلچەملىرىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا.