ئەنقەرەدىكى تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا يەكەن ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.07.29
turkiye-yeken-weqesi-namayish-2015.jpg ئەنقەرەدىكى تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا يەكەن ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىشتا
RFA/Erkin Tarim


د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 28 - ئىيۇل كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا يەكەن ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نامايىشقا ئەنقەرەدىكى مەلۇم بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئايتېكىن چەتىن ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئەنقەرەدىكى بەزى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. نامايىش سائەت 12:00 دىن 12:40 قىچە داۋاملاشتى. قولىدا تۈركىيە بايرىقى، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرىۋالغان نامايىشچىلار تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ يەكەن ۋەقەسىدە قەتلى قىلىنغان شېھىتلارنى ئەسلىدى، خىتاينىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ، باياناتىدا بۇندىن بىر يىل بۇرۇن 28 - ئىيۇل كۈنىدە يەكەننىڭ ئىلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە خىتاينىڭ 96 ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، بۇ ۋەقەدە كۆپ ساندا بىگۇناھ ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىنى خىتاينىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى سانىنى دۇنياغا ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى، تۇتۇقلانغان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيىتتى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باياناتىدا، ئۆزلىرى نامايىش قىلىۋاتقان سائەتلەردە تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايوپ ئەردوغاننىڭ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا ماڭغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. تۆۋەندە نەق مەيداندىن ئەۋەتكەن خەۋەر پروگراممىمىزنى ئاڭلىتىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.