تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا «ئىقامەت» بېرىشتە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سوئال سورىماقتا

0:00 / 0:00

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ مۇساپىر قوبۇل قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۇرتىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ سانىمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىغا قايتالماي، پاسپورتلىرىنىڭ مۇددىتى توشماقتا، ئۇلار پاسپورت ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن خىتاي كونسۇلخانىسىغا بارسا، خىتاي كونسۇلخانىسى پاسپورتلارنى ئۇزارتىپ بەرمەي تارتىۋالماقتا. بۇنى نەزەردە تۇتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك «ئىقامەت»، يەنى تۈركىيەدە قانۇنلۇق تۇرۇش سالاھىيىتى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چىقىرىلغان بۇ سىياسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك «ئىقامەت» ئېلىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا بەزى تۈركىي مىللەتلەرمۇ ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلدىم» دەپ ئىقامەت ئالماقچى بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى 20-فېۋرال كۈنى ھەرقايسى ۋىلايەتتىكى خىزمەتچىلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئەنقەرەدىكى موۋېنپىك مېھمانخانىسىدا بىر كۈنلۈك ئۆگىنىش ئۇيۇشتۇرغان. بۇنىڭدا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرىغا ئۇيغۇرنىڭ تارىخى، ئاسارە-ئەتىقىلىرى، ساياھەت رايونلىرى، ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاغ ۋە دەريالار، ئۇيغۇر تاماقلىرى، ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىقلار توغرىسىدا مەلۇماتلار بېرىلگەن.

تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بېرىشىدا ئالاھىدە سىياسىتى بارمۇ؟ ئۇيغۇرلارغا ئائىت نېمە سوئاللار سورالماقتا؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، كۆچمەنلەرنىڭ ئادۋوكاتلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ئادۋوكات رافى ئۈنال ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە كېلىپ ئىقامەت ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى تۈپەيلى ئۇيغۇرلارغا دۆلەتنىڭ ئالاھىدە سىياسىتى بار. ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن بۇ ھەقتىن باشقا كىشىلەر پايدىلىنىشقا تەمشەلسە بۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن بەزى سوئاللارنى سورىماقتا».

ئۇ، كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇيغۇرلار بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلاردىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سوراۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۇرغان يېرى، يەنى ئۇيغۇر دىيارى، ئۇ يەردىكى تاغ-دەريالار، ئويمانلىقلار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، تونۇلغان شەخسلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپى، مەدەنىيىتى، تاماقلىرى، فولكلورى، كىيىم-كېچەكلىرى قاتارلىق ئۇيغۇر كىملىكىنى ئېنىقلايدىغان مەزمۇنلاردا سوئاللارنى سورايدۇ.»

ئۇيغۇرلار كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە ئىقامەت ئالغىلى بارغاندا، كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ سورايدىغان سوئاللىرى ھەققىدە تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئالىمجان سەمەت ئەپەندى ۋە قەھرەمانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىپارخان ئۇيغۇر خانىملار ئۆز چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سۆھبىتىمىزدە ئالىمجان سەمەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغانلىقىنى، يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشتا خادىملارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى، تاماقلىرى ۋە مەشھۇر شەخسلىرى توغرىسىدا سوئاللار سورىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئۆز تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا سوئال سورىشىنىڭ پايدىسى نېمە؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بايان قىلغان ئالىمجان سەمەت ئەپەندى، بۇنداق سوئاللارنى سورىشىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

قەھرەمانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز ۋە ئافغانلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەۋېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.

دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى دۆلەت بەرگەن ھەق -ھوقۇقلاردىن توغرا پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۈركىيەدە ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئون مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئىستانبۇل، كاستامونى قاتارلىق 4 ۋىلايەتتە ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئېلىشقا باشلىغان.