تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق رامىزان ئېيىنى قانداق كۈتۈۋالدى؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.05.18
ramizan-turkiye-uyghur.jpg تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار رامزان ئېيىنى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە. 2014-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

«ئون ئىككى ئاينىڭ پادىشاھى» دەپ تەرىپلىنىدىغان مۇقەددەم رامزان ئېيى ئۇيغۇر دىيارىدا دىنىي ئىبادەت پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، بىر مىليوندەك ئۇيغۇر ئاتالمىش «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا قامالغان، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشالمايۋاتقان بىر پەۋقۇلئاددە قىيىن مەزگىلدە باشلاندى. ئۇنداقتا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار رامزان ئېيىنى قانداق كۈتۈۋالدى؟ ئۇلار 30 كۈنلۈك روزىنى قانداق ئۆتكۈزمەكچى؟

بىز بۇ ھەقتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي-خىياللىرى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى، خىتاينىڭ دىنىي بېسىمىدىن قېچىپ تۈركىيەگە كەلگەن فەرۇق قۇربان ئەپەندى، كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۈبھىنۇر ئۆمەر قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

2014-يىلىدا تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە بەشىنچى قېتىم رامزان ئېيىنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەگە كېلىپ دىنىي ۋە مىللىي ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى، بۇ يىللىق رامازاننىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ چىدىغۇسىز ۋەزىيەتكە كېلىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيگەن ئىدى. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2014-2015-يىللىرىدا تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 7500 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى خىتاينىڭ دىنىي ۋە سىياسىي بېسىمىدىن قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىدى. تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق كەلگەنلەردىن 2000 دەك ئۇيغۇر تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدە ياشىماقتا. بۇ ئۇيغۇرلاردىن فەرۇق قۇربان ئەپەندى رامزان ئېيىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ رامزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

فەرۇق قۇربان ئەپەندى ئۆز كەچمىشلىرى توغرىلىق ئەسلىمە بېرىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا مەكتەپتە ناماز ئۆتىگەنلىكى ئۈچۈن جازاغا تارتىلغانلىقىنى، مەكتەپ بالىلىرىنىڭ روزى تۇتۇشىنىڭ قاتتىق چەكلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە خىتايدا دىن چەكلەنگەن بولغاچقا كىشىلەرنىڭ روزى تۇتقان تەقدىردىمۇ ئۆزىنى جىنايەت سادىر قىلغاندەك ھېس قىلىپ يۈرىدىغانلىقىنى، 2015-يىلى رامزان ئېيىدا ئۆزىنىڭ «كوچىدا ئىپتار تامىقى يېدىڭ» دەپ جازالايدىغانلىقىنى، شۇ ۋەقەدىن كېيىنلا تۈركىيەگە قېچىپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى. 

مەلۇمكى، تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئوقۇۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپى تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن ئىدى. ھازىر تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 100 دەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. بۇلارنىڭ كۆپى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم رامزان ئېيىنى كۈتۈۋالغان ئىكەن. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان سۇبھىنۇر ئۆمەر ئۆزىنىڭ رامزان ئېيىدىكى ھېسسىياتى ۋە ئويلىغانلىرىنى بايان قىلدى.

رامزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان، ئۆزئارا ياردەم ۋە مېھرىبانلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان شۇنداقلا كىشىلەردە سەبىر-چىدام يېتىلدۈرىدىغان بىر ئاي. تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى رامازاننىڭ روھىغا ئاساسەن كىشىلەرگە ئىپتار زىياپەتلىرى بېرىدۇ. كاستومۇنۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان سۇبھىنۇر ئۆمەر بۇرۇن تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىپتار زىياپەتلىرىگە بارغانلىقىنى، بۇ يىل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولغاچقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئايرىم ئىپتار زىياپەتلىرى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا تارىختىن بۇيان ھەرقانداق بىر ھاكىمىيەت زۇلۇمنى چەكتىن ئاشۇرغان ھامان ئۆز سەلتەنىتىنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىپ غۇلاپ چۈشۈشكە يۈزلەنگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھازىرقى چەكتىن ئاشقان مۇستەبىتلىكمۇ ھامان ئۇنى يىقىلىشقا سۆرەپ ماڭىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.