تۈركىيەدىكى ئىككى چوڭ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان 25-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى يېقىنلىشىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە سايلامغا قاتنىشىدىغان پارتىيەلەر ئارقا-ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى، تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىماقتا.

5-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ 3-پارتىيە بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى نامزاتلىرى قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن ھال سوراش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنىڭ تۈركىيە دۆلىتىدىن كۈتكەن تەلەپلىرىنى ئاڭلىدى. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى تونۇلغان تارىخچى پروفېسسور يۈسۈپ خالاچوغلۇ باشچىلىقىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە قەيسەرى پارلامېنت ئەزالىرىنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى باشقۇرۇش ھەيئەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇر ئاقساقاللار قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئارقىدىن ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرى بىلەن كۈتۈۋالدى. ئارقىدىن پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى نامزاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى سايلىنىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن كۈتكەن تەلەپلىرىنى ئاڭلىدى. ئاخىرىدا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇر دوپپىسى،« كۆك بايراق» ژۇرنىلى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلارنى سوۋغات قىلدى.

ئۇيغۇرلار 5-ئاينىڭ 1-كۈنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبەرلىرىنى يولغا سېلىپ بولۇپ، بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىنلا تۈركىيەدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قايسەرىدە سايلامغا قاتنىشىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى نامزاتلىرى قايسەرى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدى. مەھمەت ئۆزھاسەكى، ئەخمەت دوغان، ياشار قارايەل، كەمال تەكدەن، خالىل ئەرگەن ئەپەندىلەر ۋە ھاۋۋا تالاي چالىش خانىملار شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىگە كېلىپ ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىدى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشقۇرۇش ھەيئەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى ئاقساقاللار ھەيئەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ھۆكۈمىتىدىن شۇنداقلا بۇ قېتىمقى سايلامدا سايلىنىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن كۈتكەن تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ ئىككى چوڭ پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى نامزاتلىرىدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلدى؟ ئۇلار قانداق جاۋاب بەردى؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.