تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش ۋىلايىتىدە «شەرقىي تۈركىستاننى چۈشىنىش» ناملىق دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەدىكى تۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

23-نويابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە «شەرقىي تۈركىستاننى چۈشىنىش» ناملىق دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى سائەت داۋاملاشقان پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاياللار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قاھرامانماراش سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىپارگۈل دوكلات بەردى.

مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىغا باغچەلىئەۋلەر قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىن سەھنىسى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئىپارگۈل دوكلاتىنى مۇنداق سۆزلەر بىلەن باشلىدى: «شەرقىي تۈركىستان رۇس ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن 1949-يىلى قىزىل رېجىم ئاستىغا ئېلىنغان. شەرقىي تۈركىستان 70 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا. شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر كۆلىمى 1 مىليون 800 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كەڭلىكتە. تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى، ھازىر ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كونا يېزىقنى ئىشلىتىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى 2003-يىلىدىن تارتىپ ئانا تىلىمىزدا مائارىپنى چەكلىدى. دىنىي ئەركىنلىك پۈتۈنلەي چەكلەندى. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى. بۈگۈن نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇيغۇر تۈرمىدە، خىتاي دۆلىتىمۇ ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندى. بىز تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار 6 ئايدىن بۇيان ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز بىلەن ئالاقە ئورنىتالمايۋاتىمىز.»

ئىپارگۈل دوكلاتىدا تارىختا بۈگۈنكى ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان دۆلەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا تارىختا ھونلار، كۆكتۈركلەر ئۇيغۇرلار ھۆكۈم سۈرگەن. بۇ يەردە يەنە ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى، قاراخانىيلار دۆلىتى قاتارلىق دۆلەتلەر قۇرۇلغان. ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىختىن بېرى ئەركىنلىك كۈرىشى ئېلىپ بارماقتا. 1933-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1949-يىلى كوممۇنىست خىتايلار بېسىۋالغان. تارىختىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەركىنلىك كۆرۈشى ئېلىپ بارماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ھەق ۋە ھۇقۇقلىرىغىمۇ ھۆرمەت قىلماستىن، ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتىنى ئېلىپ بارماقتا. بولۇپمۇ كېيىنكى 15 يىلدا خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئەقىلگە سىغمايدىغان زۇلۇم سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا.»

24-نويابىر كۈنى يەنە قاھرامانماراش ۋىلايىتىدىكى شېھىت ئابدۇللاھ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستاننى چۈشىنىش» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە يەنە قاھرامانماراش سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنى بىلىملەر فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىپارگۈل دوكلات بەردى. ئۇ يەنە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ يىلقى پائالىيەتلەرنى تۈرك خەلق ئاممىسىغا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىككى كۈندىن بېرى تۈركىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇپ رايونىدىكى قاھرامانماراش ۋىلايىتىدە بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىمۇ ئارقا-ئارقىدىن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئەلبىستان مەدەنىيەت ۋە مائارىپ فوندىنىڭ رەئىسى ئەردال ئەپەندى ئىككى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ھەم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە پائالىيەت ئۆتكۈزدۇق، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بەكلا خۇرسەن بولدى. داۋاملىق شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا باشقا مەكتەپلەردىمۇ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل پائالىيەتلەر بەك پايدىلىق بولىدۇ.»

ئەردال ئەپەندى ئەلبىستان فوندىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىلارغا بىر ماشىنا ياردەم بۇيۇمى ئەۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن يىلى ئۆي ئىجارىگە ئالغان ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىلارغا بىر ماشىنا ئۆي جابدۇقلىرى ئەۋەتتۇق. ئۆيلىرىدە نېمە كەم بولسا، كىرئالغۇ، توڭلاتقۇغا ئوخشاش نەرسىلەردىن بىر ماشىنا ئەۋەتتۇق. ھەر ئاي ئۇن-ياغ ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى بېرىۋاتىمىز. ھازىر ياردەمگە ئېھتىياجى بار، كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار.»

قاھرامانماراش ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەرھۇم لىدېرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ نامى بېرىلگەن چوڭ كوچا ۋە باغچىلار بار. ئۇيغۇر مەسىلىسى كۆپرەك بىلىنىدىغان ۋىلايەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.