1-ئاينىڭ 22-كۈنى يەكشەنبە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۆزبېك، ئۇيغۇر، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەردىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئىستانبۇلنىڭ ئۈسكۈدار رايونىدىكى مېھرىماھ جامەسى ئالدىغا توپلىنىپ تېررورلۇققا قارشى نارازىلىق نامايىشى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ پائالىيەت مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارالىق تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا، «ئۆزبېك، ئۇيغۇر، قازاق، تاجىك، قىرغىز ئەجنەبىي ئەمەس بىر مىللەتبىز»، «تۈرك مىللىتىگە ئىرقچىلىق قىلىش ياراشمايدۇ»، «دائىش ئىسلامنىڭ دۈشمىنى»، «تېررورلۇق ئىنسانىيەتنىڭ جىنايىتى»، «ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار تېررورچى ئەمەس» دېگەنگە ئوخشاش چوڭ خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا تاختىلارنى كۆتۈرۈپ شوئار توۋلىدى.
نامايىشقا، ئانادولىيە ئاگېنتلىقى، دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقى قاتارلىق كۆپ ساندا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرى قاتنىشىپ پائالىيەت مەيدانىدىن خەۋەر تارقاتتى.
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن خەلقئارالىق تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بورھان قاۋۇنجى سۆز قىلدى.
بۇرھان قاۋۇنجى ئەپەندى بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتىنىڭ تۈركىيە خەلقىدە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىگە قارىتا ئوتتۇرىغا چىققان خاتا چۈشەنچىلەرنى تۈزىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇرھان قاۋۇنجى مۇنداق دېدى: بەشىكتاش قەتلىئامىنى سادىر چىقارغان كىشى ئۆزبېك چىقتى دەپ كۆپلىگەن خەۋەرلەر تارقالدى. ئۆزبېك تېررورچى دېيىلدى. بۇ بولسا تۈركىيەدە تۈركىستانلىقلارنى يامان كۆرۈش قارىشى پەيدا قىلىدۇ. تېررورچى بۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقتى دەپ تۈركىستانلىقلارغا قارشى يامان كۆرىدىغان ئەھۋال پەيدا بولدى. ئەمەلىيەتتە ھەر مىللەتنىڭ ئىچىدىن تېررورچى چىقىدۇ. تېررورلۇق خەلقئارالىق بىر مەسىلىدۇر. تۈركىستانلىقلارنىڭ، ئۆزبېكلەرنىڭ كۆپ سانلىقى بۇ ۋەقەلەرنىڭ سىرتىدا بولۇپ، تىنچلىق بىر يول بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ۋەتىنىمىزدە زۇلۇمغا ئۇچرىدۇق، ئۆزبېكىستاندىن، شەرقىي تۈركىستاندىن، تاجىكىستاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇق. بىراق بىز ھېچ قاچان قوراللىق كۈرەش قىلىش يولىغا كىرمىدۇق. بىز ئۆزىمىز مەزلۇملار تۇرۇپ باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشىمىز، زالىملىق قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بىز تىنچلىقپەرۋەر ئىكەنلىكىمىزنى تىنچلىق يولىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىمىزنى، ياخشىلىق يولىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىمىزنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە توپلاندۇق.
يىغىندا يەنە خەلقئارا تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ناماز نۇرمۇمىن قاتارلىق بىر قانچە كىشى سۆز قىلدى.
دوكتور ناماز نۇرمۇمىن مۇنداق دېدى: بۇ جىنايەتكە ئوتتۇرا ئاسىيالىق بەزى كىشىلەرنىڭ ئارىلىشىپ قالغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇلىنىۋاتىمىز. ئەمما ھەر خەلقتىن جىنايەتچى چىقىش مۇمكىن. يېڭى يىل كېچىسى بەشىكتاشتا قەتلىئام سادىر قىلغان كىشى ۋە تەشكىلاتقا بىز تۈركىستانلىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن لەنەت ئوقۇيمىز. دائىش ۋە باشقا پۈتۈن قوراللىق تەشكىلاتلارنى رەت قىلىمىز. ئۇلاردىن ئۇزاق ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئوچۇق ئاشكارا ئېلان قىلىمىز.
نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نامايىشچىلار ئۈسكۈدار مەيدانىدىكى قىزىلئاي جەمئىيىتىگە كېلىپ، تۈركىيە بىلەن قېرىنداشلىق ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەش مەقسەتتە قان ئىئانە قىلدى.
بىز بۇ نامايىش توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارا تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ناماز نۇر مۇمىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.