خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەدە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تەقىب سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەش ۋە پاش قىلىش پائالىيىتى كۆپەيمەكتە. 17-يانۋار كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان قەھرەمانماراش شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلغان. يىغىن ئاخىرىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. قەھرەمانماراش تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مۇنبىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى، ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچىلار، زىيالىيلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.
مەزكۇر يىغىندا دوكلات بەرگەن سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى 40 تەشكىلات بىرلىشىپ قۇرغان مۇنبەر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتتە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۆتكەن يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋېلىش، خالىغانچە تۇتۇپ كېتىش ھەتتا چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشتەك دەرىجىدىن تاشقىرى بېسىم سىياسىتى داۋاملاشماقتا. دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى قەھرەمەنماراش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتتە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە تارتقان ئېغىر قىسمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
1-ئاينىڭ 17-كۈنى دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قەھرەمانماراش تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مۇنبىرى مەسئۇللىرى مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن. دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنىنىڭمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
باياناتنى مەزكۇر مۇنبەرنىڭ مەسئۇلى ئەخمەت قولىتەك ئەپەندى ئوقۇغان. بايانات قەھرەمانماراشتىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئورۇن ئالغان بولۇپ، باياناتتا مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم، بېسىم، تەن جازاسى داۋاملاشماقتا. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋىجدانى بار ھەممە ئادەمنىڭ مەسىلىسى بولۇشى كېرەك. 68 يىلدىن بېرى خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدا ئەڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىدىن خالىي ھالدا ياشاشقا مەجبۇر قالماقتا. كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتى چىدىغۇسىز دەرىجىگە كەلدى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. دۇنيادىكى دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان مۇنبەرنىڭ ئەزاسى پروفېسسور مۇستافا كۆك ئەپەندى، ئالىمجان بوغدا ئەپەندىنىڭ دوكلاتىدىن يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئالىمجان ئەپەندىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدۇق، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستاننى ئاڭلاتتى. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلىمىز بەكلا يېرىم بولدى. بىز خىتاينىڭ بۇ بېسىم سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
قەھرەمانماراشتىكى سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئىپارخان ئۇيغۇر، كېيىنكى يىللاردا قەھرەمانماراش شەھىرىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چىقىۋاتقان خەۋەرلەر ۋە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ يەردىكى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىلىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىپارخان ئۇيغۇر خانىم يېقىندىن بۇيان ۋەقىپ ۋە تەشكىلاتلاردىن سىرت ئالىي مەكتەپ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى كەڭ ئاممىغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
0:00 / 0:00