تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئايالى ئامىنە ئەردوغانغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ھەدىيە قىلىندى

0:00 / 0:00

تۈركىيە باش مىنىستىرى تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايالى ئامىنە ئەردوغان خانىم، «مىللەتنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان دۆلەت زۇلۇم مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ»، دېدى.

ئىستانبۇل سۈرئىچى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئىستانبۇل خانىملىرى» ناملىق بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايالى ئامىنە ئەردوغان شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قاتناشتى ۋە يىغىندا سۆز قىلىپ، «مىللەتنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان دۆلەت زۇلۇم مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ» دېدى.

يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن مېتىن كۈلۇنك، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى رەئىسى گۈلدال ئاقشىت، ئىستانبۇل ۋالىيسىنىڭ ئايالى، گۈل مۇتلۇ، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى قادىر توپباشنىڭ ئايالى ئۆزلەيىش توپباش خانىم، فاتىھ شەھەر باشلىقى مۇستافا دەمىر قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەت ھەم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ۋەكىللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇللىرىدىن مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر ۋە خۇرشىدە خانىملار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەم باش مىنىستىرنىڭ ئايالى ئامىنە ئەردوغانغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، ئەتلەس شارپا ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى ھەدىيە قىلدى.

ئامىنە ئەردوغان خانىم سەھنىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشتى. ھېچ قانداق بايراق قويۇلمىغان چوڭ زالدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق پۈتۈن يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئۇيغۇر ۋەكىل مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، ئامىنە ئەردوغانغا ئۇيغۇرلارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى ۋە ئامىنە ئەردوغاننىڭ ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچى زىيارىتى ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلغانلىقىنى ھەم ئۈمىد نۇرى چاچقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئامىنە ئەردوغان خانىم، «مېنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم، ئىستانبۇلغا مەرھابا! خۇشال كەلدىڭلار» دېدى ۋە ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى قولىغا ئېلىپ ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن خاتىرە رەسىمىگە چۈشتى. يىغىنغا كۆپ ساندا ئاخباراتچىلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈشنى بەس-بەستە رەسىمگە تارتتى ھەم سىنئالغۇغا ئالدى.

يىغىندا «سۈر ئىچى گۇرۇپپى»نىڭ باش كاتىپى فاتىمە ئاكىن خانىم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى ۋە بۇ يىغىننىڭ ياخشى ئىنسانلارنى ياخشى ئىنسانلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇش شۇنىڭدەك ياخشى ئىشلارنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

كېيىن باش مىنىستىرنىڭ ئايالى ئامىنە ئەردوغان خانىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىنسان دۆلەت ئۈچۈن ئەمەس دۆلەت ئىنسان ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇشى كېرەك. مىللەتنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان دۆلەت ئاپپاراتى زۇلۇم مەنبەسى ھالىغا ئايلىنىدۇ.

ئامىنە ئەردوغان خانىم سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: بىزنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئېڭىمىزدا ئىنساننى چەتكە قېقىش يوق، دەل ئەكسىچە ئىنسان جەمئىيەتنىڭ، سىياسەتنىڭ ۋە ئىقتىسادنىڭ دەل مەركىزىدە بولىدۇ. ئىنسان دۆلەت ئۈچۈن ئەمەس دۆلەت ئىنسان ئۈچۈن مەۋجۇت بولىدۇ. مىللەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمىگەن دۆلەت ئاپپاراتى زۇلۇم مەنبەسى ھالغا ئايلىنىدۇ. چەكسىز پايدا ئېلىش ئارزۇسىنى بىرىنچى قاتاردا قويغان تۈزۈم ئىنسانپەرۋەرلىك بولمايدۇ.

ئامىنە ئەردوغان خانىم سۆزىدە يەنە مىللىتى ۋە تىلىغا قاراپ ئايرىمىچىلىق قىلغانلار تىنچلىق ئۈچۈن ئەمەس زۇلۇم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: كۈچ ۋە چەكسىز پايدا ئېلىش ئارزۇسىنى بىرىنچى قاتاردا قويغان تۈزۈم ئىنسانپەرۋەر بولمايدۇ، ۋىجدانىي بولمايدۇ، ھەم ئادىل بولالمايدۇ، ئۆزلىرىنى ۋە باشقا مىللەت ۋە خەلقلەرنى، ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنى ۋە ئۆز مىللىتىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ئورۇندا قويۇپ مۇئامىلە قىلغانلار كۆڭۈلنى ئۇتالمايدۇ بەلكى كۆڭۈلنى رەنجىتىدۇ. ئىنسانلار ئارىسىدا مىللىتىگە، تىلىغا ۋە مەدەنىيىتىگە ۋە پىكىر-چۈشەنچىلىرىگە قاراپ ئايرىمىچىلىق قىلغانلار، تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق ئۈچۈن ئەمەس زۇلۇمغا خىزمەت قىلىدۇ.

ئامىنە ئەردوغان خانىم سۆزىدە يەنە تارىخ ئايرىمىچىلىق قىلغانلارنى خاتىرىلىمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
بىزنىڭ مەدەنىيەت چۈشەنچىمىز، ئىنسانلار ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق ئۇرۇقى چاچقانلارنى ئەسلىمەيدۇ، تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق، مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنى، يۈنۈس ئەمىرىنى، فاتىھنى، مىمار سىناننى، مەھمەت ئاكىفنى ئۇلارغا ئوخشاش قانچىلىغان ئۇلۇغ ئىنسانلارنى ئەسلەيمىز. بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى ئەمەس، ياسىغانلارنى، كۆڭۈلنى رەنجىتكەنلەرنى ئەمەس كۆڭۈللەرنى ئۇتقانلارنى ئەسلەيدۇ، ئىنساندىن قالىدىغىنى پەقەت ئۇنىڭ ياخشى ئىشلىرى، ياخشىلىق بىلەن ئەسلەيدىغان خاتىرىلەيدىغان ئەسەرلەردۇر. يېتىمنىڭ بېشىنى سىلىغان، كەمبەغەلنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلغان، دەردمەن بىلەن دەرتلىرىگە ئورتاق بولغان، مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى بولغانلارنى بۇ مىللەت ئونۇتمايدۇ. قەلبى مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن سوقىدىغانلار ئەزىز مىللەتنىڭ كۆڭلىدىن چوقۇم ئۆچمەيدىغان ئورۇن ئالىدۇ.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، ئامىنە ئەردوغانغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ھەدىيە قىلىپ ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن قىممەتلىك ھەدىيە بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.