2014-يىلى 7-فېۋرال جۈمە كۈنى مەركىزى تۈركىيەنىڭ كونىيە شەھىرىگە جايلاشقان ئانادولىيە ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستاندىن بالقانغىچە، كافكازىيىدىن ئافرىقىغىچە ھەمكارلىق كېچىسى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيەنىڭ كونىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىنىپ، يىغىن كۈن تەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى.
يىغىندا «ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندى» نىڭ رەئىسى بۇلېنت يىلدىرىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا، «ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندى» نىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، مىسىردىن مۇھەممەد مۇرسىنىڭ مەسلىھەتچىسى رىزا فەھمى، سۈرىيەدىن ئەبۇ دۇجانە قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلدى. يىغىنغا 3000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئانادولىيە ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ رەئىسى سامى ئۇنسال ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاش پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.