تۈركىيەدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى 24-25-فېۋرال كۈنلىرى ئىستانبۇلدا 40 ئەتراپىدا دۆلەتتىن تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان 150 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىنى يىغىپ، ئىككى كۈنلۈك لېكسىيە بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
بۇ پائالىيەتتە مۇتەخەسسىسلەر كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ قانداق كىشىلەرگە ئېھتىياجى بارلىقى، قانداق قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا لېكسىيە بېرىش، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ھەقتە ئىلمىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارغۇزۇش بىلەن بىرلىكتە، دۇنيادا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ياشلارنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەتكەن.
قەھرەمانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ئىپارخان ئۇيغۇر خانىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىپ، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
تۈركىيە 1991-يىلى سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن تۈركىي مىللەتلەردىن تۈركىيەگە ئوقۇغۇچى ئەكېلىپ ئوقۇتۇش خىزمىتى باشلىغان ئىدى. 2002-يىلى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن تۈركىيەگە ئوقۇغۇچى ئەكېلىپ ئوقۇتۇشقا باشلىدى. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش جەمئىيەتلىرى قۇرۇلدى.
چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۇزۇندىن بېرى بۇ خىل پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇرۇنقى يىغىنلاردا پەقەتلا پەلەستىن، روھىنگا، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى مۇسۇلمانلار دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇم توغرىسىدا دوكلات بېرىلىپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ يىل بۇ پائالىيەتكە تۇنجى قېتىم 10 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، قەھرەمانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىسى ئىپارخان ئۇيغۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ، دوكلاتىنى مۇنداق باشلىغان: «قىممەتلىك قېرىنداشلىرىم، ھۆرمەتلىك ئۇستازلىرىم، ئاچا ۋە سىڭىللىرىم، بۈگۈن بۇ يەردە ئۇستازلىرىمىز سۈرىيە، پەلەستىن، روھىنگا مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى. ئەپسۇسكى ھازىر دۇنيادا ئۇنتۇلغان بىر زېمىن بار. ئۇ، بولسىمۇ تۈركىستاننىڭ شەرقىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار، قازاقلار ۋە موڭغۇللار تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان. تۇنجى ئىسلام دۆلىتى بولغان قاراخانىيلار دۆلىتى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستاندا بۈگۈن ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا».
ئىپارخان ئۇيغۇر خانىم ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ ۋە بۇ لېكسىيەگە قاتنىشىۋاتقان دوستلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. مېنىڭ دادام ھازىر تۈرمىدە، مەن بىلەن بۇ لېكسىيەگە كەلگەن بەزى دوستلىرىمنىڭ ئانىسى، بەزىلىرىنىڭ دادىسى، بەزىلىرىنىڭ قېرىنداشلىرى، بەزىلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ تۈرمىسىدە. خىتاي ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندى، ئۇيغۇرلار ھەر دائىم تەقىب قىلىنماقتا. ئۇيغۇرلار چىدىغۇسىز بېسىم ئاستىدا ياشىماقتا».
ئىپارخان ئۇيغۇر 40 مىنۇت ئەتراپىدا دوكلات بەرگەن بولۇپ، دوكلاتتا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ 69 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى ئاڭلاتقان. ئۇ، بۇ ھەقتە توختالدى.
ئىپارخان ئۇيغۇر 5 يىلدىن بېرى قەھرەمانماراشتىكى مەكتەپ ۋە تەشكىلاتلاردا 30 قېتىم ئەتراپىدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىپارخان ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ كۆپ ساندىكى ياشلارغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ دوكلات بەرگەنلىكىنى، ئۇيغۇر دەۋاسىغا قىزىقىدىغان، ھېسداشلىق قىلىدىغان ياشلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىپارخان ئۇيغۇر بۇ نۆۋەت تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىپارخان ئۇيغۇر خانىم دوكلاتنى ئاڭلىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز مەزكۇر لېكسىيە بېرىش پائالىيىتى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ بېرىشقا تىرىشقان بولساقمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىدۇق. خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا مەزكۇر تەشكىلات 10 يىلدىن بېرى بۇ خىل لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىكەن.
0:00 / 0:00