غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىش كۈچەيمەكتە

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر- ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى. غازى ئۇنىۋېرسىتېتى «75-يىل» يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىندا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئايسۇن دەمىرەز گۈنەرى خانىم بىلەن سەزەن ئۆزقان خانىم دوكلات بەردى.

تۈرك دۇنياسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىدا در. ئايسۇن دەمىرەز گۈنەرى خانىم تۈركىستان ئاتالغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. سەزەن ئۆزقان خانىم قۇمۇلغا تىل تەكشۈرۈش ئۈچۈن بارغان ۋاقتىدىكى تەسىراتلىرى، قۇمۇل شېۋىسىنىڭ خۇسۇسىيىتى، قۇمۇللۇقلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن قۇمۇلنىڭ كۆك مەشرىپى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. 2 سائەت داۋاملاشقان دوكلات بېرىش يىغىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنىدا دوكلات بەرگەن، ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى در. ئايسۇن دەمىرەز گۈنەرى خانىم يىغىندا ئاڭلاتقانلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
-يىغىنغا كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. دوكلاتىمدا ئالدى بىلەن تۈركىستان ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن تۈركىستان سۆزى تۇنجى قېتىم قاچان ئىشلىتىلگەن؟ تۈركىستان ئىسمىنىڭ كېلىپ چىقىشى؟ تۈركىستان نامىنىڭ قاچان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەردىم. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكلىرىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردىم. مەكتىپىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنى بەك ياخشى ئۆتتى.

ئۇ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-شەرقىي تۈركىستان بۈيۈك بىر زېمىن. شەرقىي تۈركىستان تۈركىي قوۋملار ئەڭ كۆپ جاي. شەرقىي تۈركىستان ھازىر بىر ئاپتونوم رايون، مۇستەقىل بىر دۆلەت ئەمەس. مۇستەقىل بولالمىغان قېرىنداشلارنى تونۇش چۈشىنىش ئارزۇيىمىز بەك يۇقىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە تىلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ دېگەندەك مەسىلىلەرگە ئوقۇغۇچىلار بەك قىزىقىدۇ. شۇڭا بۇ يىغىنغىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى بەكلا ئۈستۈن ئىدى. يىغىندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسىمۇ بەك ياخشى بولدى. بىز يىغىنىمىزنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن ئاخىرلاشتۇردۇق. ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بەك تەسىرلەندى.

غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى در. ئايسۇن دەمىرەز گۈنەرى خانىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ سورايدىغان سوئاللار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئوقۇغۇچىلار ھەر دائىم ئۇيغۇرچىنى چۈشىنەلەيمىزمۇ؟ دەپ سورايدۇ. جۇغراپىيە جەھەتتىن ئۇزاق بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى چۈشىنەلىشى ئۇلارنى بەك خۇرسەن قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستان تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى، نۇرغۇن داستانىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئوتتۇرىغا چىققان شۇڭا تۈركلەر شەرقىي تۈركىستانغا بەكلا قىزىقىدۇ.