«ئۇنىۋېرسىتېتلار شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا» ماۋزۇلۇق 3 چوڭ يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئۈچ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا «ئۇنىۋېرسىتېتلار شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

11-مارت كۈنى ئىستانبۇل يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا، 12-مارت كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە ئىستانبۇل مالتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا، چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە ئىستانبۇل گەبزە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەرگەن.

ئۇ، بەرگەن دوكلاتلىرىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن نۇقتىلىق ھالدا يېقىندىن بۇيان خىتايدا شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە بۇنداق بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالغان. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇل مالتەپە شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى ئەخمەت ئوداباشى ئەپەندى بۇ يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
-تۈرك ئوجاقلىرى مالتەپە شۆبىسىنىڭ ئىستانبۇلدا ئونغا يېقىن ئۇنىۋېرسىتېتتا شۆبىسى بار. تۈركىيەدە سۈرىيە، مىسىر ۋە پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەر ھەر دائىم ئىنسانلارنىڭ يادىدا، ئەپسۇسكى شەرقىي تۈركىستان كىشىلەرنىڭ يادىغا ئانچە كېلىپ كەتمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەم قان قېرىندىشىمىز ھەمدە دىندىشىمىز. بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق. 3 ئۇنىۋېرسىتېتتا كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتۇق. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ھەر دائىم قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز.

بىز دوكلات بېرىش يىغىنى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دوكلات بەرگۈچى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.